يېقىندا، توردا ئۇنۋان باھالاشتا «پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش» «پۇل خەجلىسە ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» «دەرىجە ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىش» «ئىچكى يول» قاتارلىقلارنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر قىسىم ۋاكالىتەن ئۇنۋان بېجىرىش ئاپپاراتلىرى پەيدا بولدى. بۇ ھادىسىگە قارىتا بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاڭلىماڭ! ئىشەنمەڭ! ئۆزىڭىزنى ئورىغا ئىتتىرمەڭ!
[مۇھىم ئەسكەرتىش]
بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۇنۋان باھالاش بويىچە ھەرقانداق تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەيدۇ ياكى ھەرقانداق ئاپپاراتقا ۋاكالىتەن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ھاۋالە قىلمايدۇ، ئاتالمىش «پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن باھالاش» «پۇل خەجلىسە ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» بىردەك ساختا تەشۋىقات بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋاكالىتەن باھالاش ئاپپاراتى ئارقىلىق ساختا ماتېرىيال سېتىۋېلىپ ئۇنۋان ئىلتىماس قىلسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
ئەگەر ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ئۇنۋان باھالاشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، ئىلتىماس قىلىشقا «كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى بايقىسا، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلىسا بولىدۇ؛ ھەق قايتۇرۇش ماجىرالىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ ھەل قىلسا بولىدۇ؛ ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى گۇڭئەن ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى گۇڭئەن، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ئالاقىدار ۋاسىتىچى قاتارلىق جەمئىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساختا تور بېكىتى تەسىس قىلىش، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، توختام توزىقى تەسىس قىلىش، ساختا ئۇنۋان باھالاش، ساختا گۇۋاھنامە ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرگە زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
كەڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، يالغان گەپلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەسلىكى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك!
[ئالاقىدار ئوقۇشلۇق]
يېقىندا، سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى پەۋقۇلئاددە زور ۋاكالىتەن ئۇنۋان باھالاش ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، چېتىشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 6000دىن ئاشىدۇ، جىنايەت گۇماندارى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن سۈرەتنى ئالاھىدە ئويدۇرۇپ چىقارغان.
ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇسى، تور بېكىتى، كىچىك ئېلان قاتارلىقلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ھەق تۆلىسە «بىر بېكەت شەكلى»دە ئۇنۋان مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرگىلى بولىدۇ، دەپ جار سېلىشى بىردەك ئالدامچىلىققا تەۋە، ھەرقانداق ھەق تۆلەشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ!