تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەسىپلەر جانلاندى، دېھقانلار بېيىدى، يېزا-كەنتلەر گۈزەللەشتى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شىگوبى بازىرى شىسەنخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار «پارتىيە ياچېيكىسى+كوپىراتىپ+دېھقانلار ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى مىللىي كىيىم-كېچەك قول ھۈنەرخانىسى، كەشتىچىلىك كوپىراتىپى قاتارلىق تىجارەت ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. □ لەن لىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى ئالتۇن ئېمىل يېزىسى جاڭا بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۆگىلەرگە يەم بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۆگە باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. □ ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرى فۇلۇ قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ بازاردا نۆۋەتتە كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن بەشى بار بولۇپ، يىلىغا 120 توننىدىن ئارتۇق قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى. □ خې لۇڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكى «باغ-ئورمان كەچلىك بازىرى»دا كاۋاپ ساتماقتا. جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت كەچلىك بازىرى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى. □ جاڭ يۈن فوتوسى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۈنەس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. نۆۋەتتە، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنت (مەھەللە)لەردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىسى 94كە، يېزا-بازار ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. □ جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ كۆكتات تېرىش بازىسىدا ئىشچىلار شوخلا ئۈزمەكتە. بۇ كۆكتات تېرىش بازىسىدا ھازىر 417 پارنىك بار بولۇپ، ھەربىر پارنىكتىن ئوتتۇرىچە 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم بولىدۇ. □ خۇا يەنمىڭ فوتوسى

​ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىشچىلار ياڭاق سودا بازىرىدا ياڭاقنى بۆلۈپ قاچىلىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل بەرپا قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سېتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. □ ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى

نادىر سىن-سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭدا

   □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى پۇختا ئاشتى، يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى.

   تۆگە باقمىچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، «قۇملۇق كېمىسى»گە ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى يۈكلەندى؛ كۈن نۇرى پارنىكى قۇرۇلۇپ، چۆل-باياۋان ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلدى...تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق كەسپى ئەنئەنىۋى كەسىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى «خاس»لىقى بولۇش جەھەتتە باش قاتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تەمىنلىدى.

   بۇغدايدىن لەغمەن ئۇنى، بەنشىر ئۇنى پىششىقلاش، ياڭاقتىن ياڭاق تالقىنى، ياڭاق يېغى پىششىقلاش...شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، دەسلەپكى پىششىقلاش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن، سودا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى يۈرۈشلەشكەن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى «ئەسلىي» ئامىلىنى ئېلىۋېتىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا ئۇزاردى.

   ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشى كەنتلەرگە كىردى، كەشتىچىلىك خاسلىقىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى... شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى-مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى قاپلىدى.

   يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. شىنجاڭ باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتىپ، يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىن سىجىل نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»دى ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.