10-ئاينىڭ 19-كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك بازىرى تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىدىكى شىنجاڭ فېڭرۇي يوۋشيەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زەپەر تېرىقچىلىق بازىسىدا، سۇس سۆسۈن رەڭلىك زەپەرلەر بەس-بەستە ئېچىلدى، گۈل بەرگىسىدىن قىپقىزىل گۈل يىپلىرى سىرتقا چىقىپ قالغان بولۇپ، خۇددى كىچىك-كىچىك ئوت يالقۇنلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدى. زەپەر يەنە «شىخۇڭخۇا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دورا بىلەن يېمەكلىك مەنبەداش بولغان خاس ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. گۇما ناھىيەسى شىمالىي كەڭلىك 35 گىرادۇستىن 39 گىرادۇسقىچە بولغان جايدا بولۇپ، زەپەر تېرىشتىكى ئەڭ ياخشى كەڭلىك گىرادۇسىغا تەۋە. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابدۇمىجىت ئابلا)
شىنجاڭ فېڭرۇي يوۋشيەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئۈزۈلگەن زەپەرلەرنى ئايرىش سېخىغا ئېلىپ ماڭماقتا. ھەر يىلى 5-ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ خادىملىرى ئالدى بىلەن ئېتىزدىن زەپەر ئۇرۇق شارچىسىنى كولاپ ئېلىپ، تەخسىگە رەتلىك تىزىپ ئۆي ئىچىگە يۆتكەيدۇ. 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، چۈشەكتىكى ئۇرۇق شارچىسى ئاستا-ئاستا چىش نەيچىسىدىن چىقىپ، ئاندىن چېچەكلەيدۇ. 10-ئاينىڭ ئاخىرى، زەپەرلەر يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.
ئايرىش سېخىدا، شىنجاڭ فېڭرۇي يوۋشيەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى زەپەرنىڭ گۈل يىپىنى ئالماقتا. نۆۋەتتە، زەپەر تېرىقچىلىق بازىسىدا ئۆلچەملەشكەن زەپەر گۈل يىپى يېتىشتۈرۈش سېخى ۋە گۈل يىپى پىششىقلاش سېخى قۇرۇلۇپ، 100 مو قېلىپلاشقان تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلىنىپ، تەربىيەلەش، مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى.
گۈل يىپى پىششىقلاش سېخىدا، شىركەت خادىملىرى زەپە گۈل يىپىنى تەكشى يېيىپ ئاپتاپقا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى