تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

خوتەن ناھىيەسى: داكۈي كەنتى خىزمەت ئەترىتى خۇڭشۇغا «قېيىنئانا» تېپىپ بەردى

    مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

    10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى داكۈي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت ھەسەن ئائىلىسىنىڭ خۇڭشۇلۇقىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى يەڭ ۋە پۇشقاقلىرىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خۇڭشۇ يىغىۋېلىشىغا ياردەملەشتى. چۈشتە خۇڭشۇلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ بولدى.

    «ئاپتوموبىل ئېتىز بېشىدا قاچىلاپ توشۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئاپىرىپ ساتىمىز، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل يىلى بولدى.» ئابلەتنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى.

خۇڭشۇ جىڭلانغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ سېتىلىدۇ. 

    ھازىر داكۈي كەنتىدىكى خۇڭشۇلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ئەتراپتىكى كارخانا، سودا ساراي، تاللا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ 4 توننا خۇڭشۇنى چوڭ-كىچىكلىكى، سۈپىتى بويىچە تاللاپ يىشىككە قاچىلىدى. سېتىۋېلىش سودىگىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ئاستا-ئاستا يېتىپ كەلگەندە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خۇڭشۇلارنى بىر-بىرلەپ جىڭلاپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى. سېتىۋېلىش سودىگىرى نەق مەيداندىلا پۇل تۆلەپ، ھەممىسىنى سېتىۋالدى.
    «ئەسلىدە سېتىش يولىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتاتتۇق، كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىزگە سېتىش يولىنى بۇنچە تېز تېپىپ بېرىشىنى ئويلىماپتىكەنمىز، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ئاشتى.» خۇڭشۇنىڭ نەق پۇلغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن ئابلەت كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا توختىماي رەھمەت ئېيتتى.

    بۇ قېتىمقى دېھقانلارنىڭ سېتىشىغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن 40تىن ئارتۇق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان.
    كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى تىلغا ئالغاندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى لۇ جەنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سىجىل يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كەنت ھەم كەسىپلەرنى زورايتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كارخانا، سودا ساراي، تاللا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا مۇقىم، ئىشەنچلىك سېتىش يولى تېپىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق-گۈزەل داكۈي كەنتى بەرپا قىلىمىز.

 (خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى گۈلھايات، ئىختىيارىي مۇخبىر ئېلزات)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.