تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى كەلگۈسىگە قانداق يۈزلىنىدۇ؟

   دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ساھەسىدىكى تۇنجى مەمۇرىي نىزام «شەھەر ئاممىۋى قاتناش نىزامى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا مۇنداق تەكىتلەندى: شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسى. شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇش تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.

   يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى

   ئاممىۋى قاتناش ساھەسى ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تىرانسىپورت تەتقىقات ئورنى شەھەر قاتنىشى مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىدۇڭ: ھازىر پۈتكۈل ساھە ئىككى چوڭ مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى: ئالدى بىلەن، يولۇچى توشۇش مىقدارى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان سىجىل تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قەدەر زور نىسبەتتە ياشانغانلار ھەقسىز بېلىتى بار بولۇپ، پۈتكۈل تىجارەت كىرىمى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى، مۇناسىپ ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېسىمى بارغانسېرى زورايدى، پۈتكۈل ساھەنىڭ مالىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. «نىزام»دىكى بەزى سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئىنتايىن قاراتلىمىلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تۈزۈم خاراكتېرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغانلار ئازايدى

   نېمە ئۈچۈن يەنە ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تىرانسىپورت تەتقىقات ئورنى شەھەر قاتنىشى مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىدۇڭ: مېنىڭچە يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئاجىزلاشمايدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر يول بايلىقى ئىنتايىن چەكلىك، چەكلىك يول بايلىقىدا، ھەممە ئادەمنىڭ ئىشقا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ كېلىشىگە مۇمكىن بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئەتىگەن ۋە كەچتىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يول بايلىقىنى ئىگىلەش نىسبىتى بىر قەدەر كىچىك بولغان تۈجۈپىلەنگەن ئاممىۋى قاتناشنى يول يۈرۈش شەكلى قىلىپ تاللىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا شەھەرنىڭ ئامما يول يۈرۈش ئۈنۈم نىسبىتىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئاممىۋى قاتناش يېشىل يول يۈرۈش شەكلى بولۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تەدبىر ھىسابلىنىدۇ. ئاسمىنىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆك بولۇشىدىمۇ، قوش كاربون نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىمۇ، يەنە ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتىگىيەسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.

   يېڭى بەلگىلىمە قايسى تۈزۈم كاپالىتىگە چېتىلىدۇ؟

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تىرانسىپورت تەتقىقات ئورنى شەھەر قاتنىشى مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىدۇڭ: بۇ «نىزام» تولىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ، مەسىلەن، ئاممىۋى قاتناشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى دېسەك، يول ھوقۇقىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش، بېكەت-نۇقتىلارنىڭ قاپلاش نىسبىتى قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بېكەت-نۇقتىغا بېرىشى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلغان. مالىيەدىكى مالىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ھۆكۈمەتنىڭ قان يەتكۈزۈشى بىلەن كارخانىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىشى بىرلەشتۈرۈلگەن.

  كەلگۈسى ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى

   قانداق قىلىپ تۇرمۇشقا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تىرانسىپورت تەتقىقات ئورنى شەھەر قاتنىشى مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىدۇڭ: مېنىڭچە  ئاممىۋى قاتناشنى زاكاز قىلىش يەنىلا ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ھازىر نۇرغۇن شەھەردە بېرىش-كېلىش ئاممىۋى قاتنىشى ھەمدە ئوقۇش ياردەم ئاممىۋى قاتنىشىنى زاكاز قىلىش يولغا قويۇلۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسىدە مەھەللە ئاپتوبۇسى ۋە مېترو چاتما ئاپتوبۇسىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىمۇ ناھايىتى چوڭ. بۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كىچىك بولغان مۇشۇ خىل تىپتىكى ئاپتوموبىل تىپى ۋە تېخىمۇ ياخشى تىجارەت شەكلىگە ئېھتىياجلىق، مەسىلەن، پۇقراۋى جەمئىيەت كاپىتالى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا بەرگىلى بولامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش، ھەممىسى ئىنتايىن چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.