تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بورتالا: لازا ئۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، «قىپقىزىل ئاچچىق لازا» كەسپى كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

   10-ئاينىڭ 18-كۈنى، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىدىكى ئېتىزلىقتا، 180دىن ئارتۇق ئىشچى لازا يىغماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بورتالا شەھىرىدىكى 28 مىڭ مو يەردىكى لازىدىن ئارقا-ئارقىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ۋە ئۈزۈش ئىشچىلىرى نۆۋەت بىلەن ئىشلەپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى «كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، زاكازلىق تېرىقچىلىق، كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، توختاملىق سېتىۋېلىش» پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، دېھقانلارنى خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا پائال يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر نەن دېڭ)

 ئىشچىلار لازا يىغىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

سىرتقى شەكلى تويۇنغان، رەڭگى قىپقىزىل لازىلار شاخلار ئارىسىغا لىق تولغان بولۇپ، كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.