تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«ئارال ناملىق» ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!

10-ئاينىڭ 22-كۈنى

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرى بىرلىشىپ بەرپا قىلغان

جېجياڭ چاڭلۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «ئارال ناملىق» دەپ نام بېرىلگەن ئايروپىلانى

خاڭجوۋ شياۋشەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى قېتىم ئۇچۇپ

شۇ كۈنى ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى

«ئارال ناملىق» ئايروپىلان گەۋدىسى ھەر خىل رەڭلەر بىلەن بېزەلگەن

پۈتكۈل لايىھەدە بىڭتۇەن 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ

ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىزىل مەدەنىيىتى ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىنغان 

ئۇنىڭغا 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى 

تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يەر بەلگىسى

ھەمدە پاختا، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى يۇغۇرۇلۇپ 

شەھەرنىڭ جەلپكارلىقى ۋە داڭلىق، ئالاھىدە، خاس مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىنغان

«ئارال ناملىق» ئايروپىلاننىڭ خادىملىرى ۋە ئالاقىدار خادىملار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

جۇ جىشېڭ فوتوسى

 ئايروپىلان بۆلمىسى ئىچكى قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسى.

جۇ جىشېڭ فوتوسى

 «ئارال ناملىق» ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى

نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇشى بولۇپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ناماياندىسىدۇر

 ئۇ، خۇددى بوشلۇق كۆۋرۈكىگە ئوخشاش

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى بىلەن غەربىي شىمال چېگرا رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ

ئوخشاش بولمىغان رايون مەدەنىيىتىنى ئۇچراشتۇردى ۋە يۇغۇردى

ئىگىلىنىشىچە

چاڭلۇڭ ئاۋىياتسىيەسى

ئارالدىن خاڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان 

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئارال ناملىق» ئايروپىلان پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۇچۇپ

ئارال شەھىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئارال شەھىرىنى چۈشىنىش، ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.