مەنبە: خەلق تورى
چېن شىن «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» باش تېمىلىق تور تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە.
خەلق سىنى تەمىنلىگەن سۈرەت
خەلق تورى، تۇرپان، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ رۇي، خاۋ پىڭ) «ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى، بىر يول پويىز سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى».
يېقىندا «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» باش تېمىلىق تور تەشۋىقات پائالىيىتى شىنجاڭ تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرىدە باشلاندى. شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شوپۇرى چېن شىن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى، بىر يولنىڭ ھېكايىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.
چېن شىننىڭ بوۋىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئەۋلاد پار پاراۋۇزى شوپۇرى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا بېرىشتا پار پاراۋۇزى ئارقىلىق 20 نەچچە سائەت يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بىر تەرەپتىن يول يۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئوچاققا كۆمۈر سالاتتى، كابىنكىنىڭ ئۈچ تەرىپىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق ئىدى، ھەممە يەرنى كۆمۈر ئىسى قاپلاپ كېتەتتى، بىر بۆلەك يول ماڭسىلا، باش-كۆزنى توپا بېسىپ كېتەتتى.
دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، پار پاراۋۇزى تارىخ سەھنىسىدىن تەدرىجىي چېكىنىپ چىقتى. چېن شىننىڭ دادىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋۇز شوپۇرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دىزېل مېيى پاراۋوزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىناتتى. ئۈرۈمچىدىن قومۇلغىچە بولغان مۇساپە ئون نەچچە سائەتكە قىسقارغانىدى.
«پويىز ھەيدەش شارائىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يول يۈرۈش ۋاقتى تۇراقسىز ئىدى، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، دادام نەچچە كۈنگىچە ئۆيگە قايتالمايتتى». چېن شىن مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شوپۇرى بولدۇم. بوۋام بىلەن دادامنىڭ تۆمۈريول <ئاستا ۋاقتى>غا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچۈم خېلىلا يۇقىرى. ھازىر ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا بېرىشقا ئۈچ سائەتمۇ كەتمەيدۇ».
ھازىر تۆمۈريول تورى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىدى، ئومۇمىي مۇساپىسى 9525 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆمۈريول تورى «ھەرىكەتچان شىنجاڭ»غا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. «كەلگۈسىدە مەن تېخىمۇ تېز پويىزنى ھەيدەپ، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەر بىر شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، جاي-جايلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىز ۋە جەلىپكارلىقىمىزنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى چېن شىن.