تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

توقسۇن ناھىيەسى كۈمۈش بازىرىدىكى توغراقلار ئالتۇن ساۋۇت كىيدى

   كەچ كۈز پەسلىدە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۈمۈش بازىرى قىرغىز تۆمۈر كەنتىنىڭ جەنۇبىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاغ ئېتىكىدە، يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە توغراقلىق مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ئىدى، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار بىلەن كۆپكۆك ئاسمان بىر ـ بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، تەڭداشسىز گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.

توغراق يوپۇرماقلىرى كۈز شامىلىدا ئىرغاڭلىماقتا.

توغراق يوپۇرماقلىرى كۈز شامىلىدا ئىرغاڭلىماقتا.

توغراقلىق «ئالتۇن كىيىم» كىيىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى.

توغراقلىق «ئالتۇن كىيىم» كىيىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى.

توغراقلىق «ئالتۇن كىيىم» كىيىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى.

   10 - ئايدىن بۇيان، بۇ يەردىكى كەڭ كەتكەن توغراقلىق ئەڭ گۈزەل تاماشا قىلىش پەسلىگە قەدەم قويدى، بۇ يەرگە كىرسىڭىز خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل ئالتۇن رەڭلىك دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. پارچە - پارچە توغراقلىق خۇددى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشاش جۇلالىنىپ تۇراتتى. تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قامىتى خۇددى قۇملۇقتىكى قوغدىغۇچىغا ئوخشاش بۇ تۇپراقنى چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى. توغراق يوپۇرماقلىرى بولسا كۈز شامىلىدا ئىرغاڭلاپ، خۇددى يىللار ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى، بىر ئېقىن توغراقلىقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئەتراپتىكى «جانلىقلار»نى ئوزۇقلاندۇراتتى.

توغراقنىڭ «قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ» دېگەن چىرايلىق نامى بار.

   «توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ». توغراق دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي بىر خىل تېرەك بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى بىلەن داڭلىق، «قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ» دېگەن چىرايلىق نامى بار.

ئالتۇن رەڭلىك توغراق بىلەن كۆپكۆك ئاسمان بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ توغراقلىققا يۈز يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جاينىڭ بۇ يەرنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى بىلەن، بۇ يەر يەنىلا ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

پارچە - پارچە توغراقلىق خۇددى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشايدۇ.

(توقسۇن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خۇ گوكەي)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.