تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئائىلە بېزەكچىلىكىدە ئاشخانا، ھاجەتخانىنى «يېڭىلاش»نى كۈچەپ قوللايدۇ بۇ 23 خىل تاۋارنى سېتىۋالغاندا ھەربىر تۈردە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاساسىدا، يەنە ئائىلە بېزەكچىلىكىدە ئاشخانا، ھاجەتخانىنى «يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق سەككىز تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق ئائىلە بېزەكچىلىكىدە ئاشخانا، ھاجەتخانىنى <يېڭىلاش>نى كۈچەپ قوللاش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە تەپسىلىي قائىدە دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ياردەم پۇلى بېرىش تەدبىرى ئارقىلىق يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان، ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە بېزەكچىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  تەپسىلىي قائىدىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىستېمالچىلار 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، مۇنچا (مۇنچا تۈۋرۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھاجەت قاچىسى، ئەينەكلىك ئىشكاپ، ۋاننا، بىخەتەر ئىشىك، فارفور خىش، پول، تەييار دېرىزە، سۇ تازىلىغۇچ قاتارلىق 10 خىل تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە بېزەكچىلىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنى سېتىۋالغاندا؛ ھەمدە ئىشكاپ، سافا، تۇتقۇچ، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى، كارىۋات جازىسى، كارىۋات سېلىنچىسى، سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى (ئىس-تۈتەك، يېقىلغۇ گاز، سۇ بېسىپ كېتىشتىن سىگنال بېرىش)، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېكامېرا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چاقىرغۇچ، پەرۋىش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارىۋات، ئورنىدىن تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سافا، ئىقتىدارلىق تاماق ئۈستىلى قاتارلىق 13 خىل تاۋار ئۆي جاھازلىرى ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلارنىڭ ھەربىرىگە سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  ھەربىر ئىستېمالچى ئائىلە بېزەكچىلىكى-قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلارنى سېتىۋالغاندا، سېتىۋالغان ھەربىر خىل تۈردىكى تاۋارنىڭ بىرىگە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەربىر تاۋارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سوممىسى 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  كونا ئۆيلەرنى بېزەش ۋە قىسمەن ئۆزگەرتىش، تۇرۇۋاتقان ئۆينى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئىستېمال قەرز پۇلىغا بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە ئۆسۈم ياردىمى مەدىتى بېرىلىدۇ. ئۆسۈم ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار ئۆسۈم ياردىمىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار تەلەپ ۋە ئىلتىماس قىلىش يوللىرى بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، %3لىك يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى ھەمدە ئۆسۈم ياردىمى ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە، ھەربىر ئىستېمالچىنىڭ ئۆسۈم ياردىمى سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەرز پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بانكا ئاپپاراتى ئالدى بىلەن ئۆسۈم ياردىمى بېرىپ، ئاندىن شۇ جايدىكى سودا مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئىستېمالچىلارنى «يېڭىسىغا بالدۇر ئالماشتۇرۇپ، ياردەم پۇلىنى بالدۇر ئېلىش»قا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ئىستېمالچىلار ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋالغاندا نەق ۋاقىتىدا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، تىجارەت-سودا كارخانىلىرى قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرمۇش 建行生活) APP) سى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنسا ھەم ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يوللىسا بولىدۇ، ئىلتىماس ماقۇللانغاندىن كېيىن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر مال قايتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىستېمالچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن پۇل سوممىسى ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەسلىدىكى چىقىم قىلىش يولى ئارقىلىق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ شۆلى مۇنداق دېدى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى تېز نامايان بولدى. بىز كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كارخانىلارنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈۋاتىمىز.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.