تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى ھازىر ۋاكسىنا ئەملەتسە ئۈلگۈرەلەمدۇ؟

    دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پەسىل ۋە مەۋسۇم بىلەن ساغلاملىققا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

   بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ دەيتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: قىروۋ چۈشۈكى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، ئەتراپىمىزدا تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغانلار يەنە كۆپەيدى، ھازىر ۋاكسىنا ئەملەتسە يەنە ئۈلگۈرىدۇ، كۈز، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، پۈتكۈل تارقىلىش مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولىدۇ. شەخسلەر ۋاكسىنا ئەملەتكەندە كېسەللىك قوزغىلىش ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى بالدۇرراق ئەملىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

   شەخسلەر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىزىش ياكى جىددىي كېسەللىك قوزغىلىش مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك؛ ئەملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەتراپىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىنى تاللاپ ئالدىن كېلىشىپ ئەملەتسە بولىدۇ؛ ۋاكسىنا ئەملەتكەندە ئامال بار ئاچ قورساق ھالەتتە ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن ساقلىنىش، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدا 30 مىنۇت تۇرۇش، شۇ كۈنى ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇننىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    ۋاكسىنا ئەملەتكەن ئەھۋالدىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنىلا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا ماسكىنى ئىلمىي تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە يېتەرلىك سۇ ئىچىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە يېتەرلىك ئۇخلاشنى ساقلاپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىش، تەييارلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەندە، جەينەك، يەڭ بىلەن توسۇۋېلىش، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك كېرەك.

    تۇرمۇشتا ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە كۈندىلىك تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تېمپېراتۇرا يار بەرگەن شارائىتتا ئامال بار ئۆينىڭ ھاۋاسىنى كۈندە 3-2 قېتىم ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇش، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ، ئۆي ئىچىگە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.