تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئامما «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايونى ۋاسكېتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   10- ئاينىڭ 21- كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» 2024- يىللىق شىنجاڭ ئامما «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايونى ۋاسكېتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن يەتتە ئەرلەر كوماندىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ئۈچ ئاياللار كوماندىسى 10- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ھەمكارلاشقان.

 مۇخبىر: خۇ يۈن، جاڭ شىنجۈن

 نازارەتچى: شۆ جىڭ، ۋاڭ چىمىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.