تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تېز يوللانمىنى ئېچىپ بولۇپ كۆزنى ئۇۋىلىغاندىن كېيىن يۇقۇملىنىپ قالدى! جىددىي ئەسكەرتمە

   «قوش 11» نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېز يوللانمىلار كۆپەيدى. ئەمما تېز يوللانمىنى ئاچقاندا ئېھتىيات قىلمىساق سالامەتلىككە تەسىر يېتىشى، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

   65 ياشلىق چېن خانىم (فامىلىسى ئۆزگەرتىلدى) نەرسە-كېرەكلەرنى كۆپىنچە توردىن سېتىۋالىدۇ، دائىم بىر قېتىمدىلا كۆپ مىقداردا تېز يوللانما قوبۇل قىلىدۇ. يېقىندا، چېن خانىم يەنە بىر دۆۋە تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالدى، تېز يوللانمىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى شۇنداق بىر ئۇۋۇلاپ قويغانىدى، چۈشتە كۆزى قىچىشىشقا باشلىدى.

   چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن، چېن خانىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ، ھۈررەكلەر چوقچىيىپ چىقىپ، ئاغرىققا چىدىيالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتتى. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، چېن خانىمنىڭ كۆزىگە بەلباغسىمان قاپارتما چىقىپ قالغانلىقى ئېنىقلاندى.

   بەلباغسىمان قاپارتما دېگەن نېمە؟

   بەلباغسىمان قاپارتما سۇ چېچىكى بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسىنىڭ يۇلۇن نېرۋا يىلتىزىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. تېرىدە ئاساسەن قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتما شەكلىدە كۆرۈلىدۇ ھەم ئاغرىيدۇ. بەدەننىڭ ھەر قانداق يېرىدە كېسەللىك قوزغىلىدۇ، بۇ كۆكرەك، قورساق ۋە پۇت-قوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ ۋىرۇس باش، يۈز (بولۇپمۇ كۆز)گە تەسىر كۆرسەتكەندە، كېسەللىك ئالامىتى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.

   بەلباغسىمان قاپارتما تېرە كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىرقەدەر ئاغرىيدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاغرىقلاردا قاپارتما قۇرغاقلىشىپ، قاقاچ تۇتقاندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چىرمىشىپ يوقالمايدىغان ئەگەشمە كېسەللىك − بەلباغسىمان قاپارتمىدىن كېيىنكى نېرۋا ئاغرىقى قالىدۇ.

   دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چېن خانىم گىرىپتار بولغان كۆز قىسمىدىكى بەلباغسىمان قاپارتما بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە كلىنىكىلىق تىپى ئىكەن. ئاغرىقتا ئالدى بىلەن بىر تەرەپتىكى كۆز قاپىقى ئىششىپ، كۆزىگە قان تولۇش،  بىرقەدەر قاتتىق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن، ئەگەر داۋالاش مۇۋاپىق بولمىسا مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە يارىسى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدىكەن، ھەتتا مېڭە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىكەن.

   دوختۇرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، چېن خانىم ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز ئىكەن، تېز يوللانمىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن قولىنى يۇيمايلا كۆزىنى ئۇۋۇلىغانلىقتىن، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

   قانداق ئەھۋال ئاستىدا بەلباغسىمان قاپارتمىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

   بەلباغسىمان قاپارتما ئادەتتە 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى بىرقەدەر تۆۋەن كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، %90تىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تېنىدە سۇ چېچىكى بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە يوشۇرۇنىۋالىدىكەن، ياشنىڭ چوڭىيىشى ياكى ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ۋىرۇس جانلىنىپ ۋە كۆپىيىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

   بەلباغسىمان قاپارتما تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بىردەك قوزغىلىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، دىمىق ياز پەسلى ياكى پەسىل ئالمىشىدىغان مەزگىلدە بەلباغسىمان قاپارتما ئاسان قوزغىلىدۇ. ھاۋا بىردەم سوۋۇپ، بىردەم ئىسسىغاندا، ئادەم بەدىنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، كىيىمنى مۇۋاپىق كىيمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

   دىققەت: ئەگەر ئۆزىنىڭ بەلباغسىمان قاپارتما بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىسا، 72 سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، بەلباغسىمان قاپارتمىدىن كېيىنكى نېرۋا ئاغرىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

   بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

   بەلباغسىمان قاپارتما يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىرۇسى قاپارتما، قاپارتما سۇيۇقلۇقى ۋە سىرغىما سۇيۇقلۇقلاردا مەۋجۇت بولىدۇ، ۋىرۇس ئاساسلىقى چاچراندىلار ياكى تېرىدىكى زەخمىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، تېرىدىكى زەخمىلەر قاقاچ تۇتۇشتىن ئىلگىرىمۇ يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ.

   بەلباغسىمان قاپارتما ئاغرىقلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئاغرىقنىڭ يېرىلىپ كەتكەن سۇلۇق قاپارتمىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق، ئاغرىقنى ئايرىۋېتىش كېرەك؛ ئاغرىقنىڭ لۆڭگىسى، يۈز يۇيىدىغان داس قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملىرى بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا يۇقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىن.

   بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىر قىسمى ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي ئىممۇنىتېت كۈچىگە تايىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە ياشلار ياكى تېنى ساغلام كىشىلەر ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، زۇكام بولۇپ قىزىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتسىلا، بەلباغسىمان قاپارتماق ئاسان پەيدا بولمايدىكەن.

   ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ياكى بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزراق كىشىلەر ئادەتتە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشتىن باشقا، ۋاكسىنا ئەملىتىشى ئىنتايىن مۇھىم.

   ۋاكسىنا ئەملىتىشتە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، زۇكام بولغان، قىزىپ قالغان ياكى ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئېغىرلىشىۋاتقان مەزگىلدە ۋاكسىنا ئەملەتمەسلىك كېرەك.

   دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ۋاكسىنىنى تاللاپ ئەملىتىش كېرەك، ھازىر قايتا گۇرۇپپىلانغان ۋاكسىنا، زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا قاتارلىق ئوخشىمىغان ۋاكسىنىلار بار، كۆپ قىسمىنى تەكرار ئەملىتىش ھاجەتسىز.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.