تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

نېمە ئۈچۈن جۇڭگو | «ئاق تېرەك» بىلەن يەنە ئۇچرىشىش

   بىپايان بارلۇق تېغى ئېتىكىدە، بىر ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى بار. 

   كىچىك ئاق تېرەك، ئۇ بىر تۈپ دەرەخ. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، بىر جەڭچى تۇغقان يوقلاپ بولۇپ قىسىمغا قايتقاندا 10 تۈپ ئاق تېرەك كۆچىتىنى ئېلىپ كەلگەن، مۇھىت ناچار بولغاچقا، ئاخىرى مۇشۇ بىر تۈپ ئاق تېرەكلا قەيسەرلىك بىلەن يىلتىز تارتىپ ئەي بولغان. 

   كىچىك ئاق تېرەك، ئۇ بىر ناخشا. ناخشىغا قەيسەرلىك ۋە مېھرىبانلىق يۇغۇرۇلغان، چېگرانى قوغداش جەڭچىلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتى، سېغىنىشى، ۋەتەن ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىشتەك ئوتلۇق ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن. 

   كىچىك ئاق تېرەك، ئۇ بىر توپ كىشى. ئۇلارنىڭ «يىلتىزى چوڭقۇر، غولى بەھەيۋەت»، قەتئىي، ئىرادىلىك بولۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، «چېگرا مۇداپىئە سېپىدە يىلتىز تارتىپ، جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىنتىلىش»تەك ئاق تېرەك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. 

   ۋەتەنگە بولغان ساپ مۇھەببەتنى كۆڭلىگە پۈككەن تۈركۈم-تۈركۈم چېگرانى قوغداش جەڭچىلىرى چېگرا رايونغا كەلدى، تۈپ-تۈپ «ئاق تېرەك»لەر شامالدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىنى قوغدىدى. 

مەنبە: «خەلق تورى +» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.