10-ئاينىڭ 19-كۈنى، لۈ پېيگۇي ياسىن تۇرسۇننىڭ ھويلىسىغا كىرىشىگىلا، ياسىن تۇرسۇن ئۇنى تارتىپ تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزدى، قورۇدىكى گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرالاتتى. ھورى چىقىپ تۇرغان داپەنجى ناھايىتى تېزلا ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، كۈلكە- چاقچاق ئىچىدە تاماق يېيىشكە باشلىدى.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، لۈ پېيگۇي (ئوتتۇرىدا) ياسىن تۇرسۇن (ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
«لۈ تاغا، بۈگۈن يەنە تۈنۈگۈن تايلىغان پاختىنى توشۇمدۇق؟» تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ياسىننىڭ ئوغلى بورھان ئىش قىلىشتا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى يىغىشتۇردى. «يۈرۈڭ، بىز بىللە بارايلى.» ئۇلار پاراڭلاشقاچ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كېۋەزلىككە كېلىپ، يوغان «ئالتۇن تۇخۇم»لارنىڭ ئاپتوموبىلغا رەتلىك قاچىلانغانلىقىنى كۆردى، بورھان چەبدەسلىك بىلەن ئاپتوموبىلغا سەكرەپ چىقىپ، بۇ پاختىلارنى پىششىقلاش زاۋۇتىغا توشۇشقا تەييارلاندى.
52 ياشلىق ياسىن تۇرسۇن ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى «تۇغقىنىم» ئاكام لۈ پېيگۇي بىلەن تونۇشقانلىقىمنىڭ نەتىجىسى، دېدى.
لۈ پېيگۇي بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرى 16-تۇەن شىنكەيلىڭ بازىرى 1-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى، شۇنداقلا يىراق - يېقىنغا داڭلىق تېرىقچىلىق ماھىرى. 16-تۇەننىڭ 1-ليەنى بىلەن دولان يېزىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتى ئوخشاشلا تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىسىنى يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرى بىلەن غالىبىيەت سۇ ئامبىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان جەنۇبىي تارىم باش غول ئۆستىڭى ئايرىپ تۇرىدۇ، 1-ليەن غول ئۆستەڭنىڭ شىمالىغا، يېڭىمەھەللە كەنتى غول ئۆستەڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. 2004-يىلى ئۆستەڭنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇرۇشلۇق ياسىن ئۆستەڭنىڭ شىمالىدا ئولتۇرۇشلۇق لۈ پېيگۇي بىلەن تونۇشۇپ قالدى.
2005-يىلى ياسىن قوي - كالىلارنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى كېڭەيتمەكچى بولدى، لېكىن ئۇنچە كۆپ پۇلى يوق ئىدى، لۈ پېيگۇي ئۇنىڭ بۇ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەتىسىلا ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بەردى. قوي ـ كالىلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، لۈ پېيگۇي ياسىننى ليەندۈيدىكى باقمىچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، يەنە ئۇنى تەربىيەلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلاشتى.
كېيىن، ياسىن 200 مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى، ئەتىيازدا ئۇرۇق سالغاندا لۈ پېيگۇي دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى ئەكىلىپ بەردى. «دېھقانچىلىق ۋاقتى ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، بۇ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سىز ئاۋۋال ئىشلىتىڭ»، دېدى لۈ پېيگۇي ياسىنغا. شۇنىڭدىن كېيىن، لۈ پېيگۇي ھەر يىلى ئەتىيازدا دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى بالدۇرلا ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
ياسىن كېۋەز تېرىغان مۇشۇ يىللاردا، لۈ پېيگۇي ۋاقتى بولسىلا ياسىننىڭ كېۋەزلىكىگە بېرىپ، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كېۋەزلىكىنى ئۆزىنىڭ كېۋەزلىكىدەك پەرۋىش قىلدى، ياسىنمۇ لۈ پېيگۇيگە ئەگىشىپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.
لۈ پېيگۇينىڭ ياردىمىدە، ياسىن ئائىلىسىنىڭ كېۋەز مايسىلىرى ناھايىتى ياخشى ئۆستى، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشتى، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ياكى بايراملاردا ئىككى ئائىلە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، سىرتقا چىقىپ ئويناپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
2019-يىلى، لۈ پېيگۇي ئارال شەھىرى پىڭفېڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، لۈ پېيگۇي ئېھتىياجلىق بولسىلا، ياسىن ئوغلىنى ياردەمگە ئەۋەتەتتى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى داۋامىدا، ياسىن ھويلىسىنى رېمونت قىلىپ، يېڭى ئۆي سېلىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.
يېقىندا، مۇخبىر ياسىننىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ھويلا ئالدىدىكى كالا قوتىنىدا تولۇپ سەمرىگەن گۆش كالىلىرىنىڭ بەخىرامان يەم يەۋاتقانلىقىنى، ياندىكى باغقا ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تىكىلگەنلىكىنى، ھويلىنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈزۈم بارىڭى يېنىدىكى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋە بەرگەنلىكىنى، ئۈچ ئېغىز چوڭ بىر قەۋەتلىك ئۆيدە بىر ئائىلىدىكى يەتتە جان تۇرىدىغانلىقىنى، مېھمانخانىدىكى چاي ئۈستىلىگە يېڭى مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ تىزىلغانلىقىنى كۆردى.
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، لۈ پېيگۇي (ئوتتۇرىدا) بىلەن ياسىن تۇرسۇن (سولدا)، بورھان ياسىن (ئوڭدا) كالا-قوي باقمىچىلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
2023-يىلى، ياسىن 28 ياشلىق بورھانغا چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە ماشىنا ئېلىپ بەردى. «ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە مەن چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە ماشىنا بىلەن يەر ھەيدەيمەن، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ پاختا يىغىمەن، كىرىمىم ھەر يىلى خېلىلا كۆپىيىپ قالىدۇ.» بورھان مۇنداق دېدى: ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى باقمىچىلىق قىلىش، يەر تېرىش، پارچە ئىش قىلىش ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق، بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلىۋاتىمىز.
ياسىن بېيىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى لۈ پېيگۇي قۇرغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.
16-تۇەننىڭ 1-ليەنى يېڭىمەھەللە كەنتى بىلەن بىر ئۆستەڭ ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ئىككى جاينىڭ تۈز سىزىق ئارىلىقى بەش كىلومېتىرغا يەتمىسمۇ، ئارىسىدا غول ئۆستەڭ بولغاچقا، 20 كىلومېتىر يولنى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، 16-تۇەن بىلەن ئاۋات ناھىيەسى بىرلىكتە قۇرغان 7 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇزۇنلۇقى 66 مېتىر، كەڭلىكى 6.5 مېتىر كېلىدىغان «قەلبداشلار كۆۋرۈكى»دە قاتناش باشلاندى، لۈ پېيگۇي بىلەن ياسىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېرىش كېلىش قېتىم سانى تېخىمۇ كۆپەيدى.
«كىچىكىمدىن كەنتتە ياشاپ كەلدىم، بېيجىڭ تيەنئەنمېننى پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرگەن»، دېدى ياسىن لۈ پېيگۇيگە.
«بۇ يىل قىشتا دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتىدا، بىز بىللە بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى ... »، دېدى لۈ پېيگۇي.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئۇلار كىچىك ھويلىدا ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر مۇڭداشماقتا ئىدى ...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۈ پېيگۇي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تىكى ئىلغار شەخس، بىڭتۇەن بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى. «ھەر مىللەت ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللار بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىز بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچكەنكەنمىز، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى لۈ پېيگۇي. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى