تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بۇ شەھەرنى ئىللىتتى

ساي تېز سۈرئەتلىك يولى خېبېي يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى يول بۆلىكىدە تازىلاش ئاپتوموبىلى يىغىلىپ قالغان سۇنى بىر تەرەپ قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىپىڭ مەھەللىسىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چيەن فوتوسى)

10- ئاينىڭ 18- كۈنى شەرقىي قەشقەر يولى كوچا باشقارمىسى ئۈرۈمچى شەرقىي ۋوگزال مەھەللىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر تىزلىق قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن فوتوسى)

10- ئاينىڭ 18- كۈنى تىيانشان رايونى نىڭشاۋەن كوچىسىغا جايلاشقان بىر كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك يېڭى كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا كۆرۈنەرلىك سوۋۇدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇيرۇق بولمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كەلدى: بەزىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ سەپەر قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى، بەزىلەر ئۆيگىچە بېرىپ ھال- ئەھۋال سورىدى، يەنە بەزىلەر ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە ئىسسىق چاي سۇندى...

  ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆرۈنۈشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە غەمخورلۇقى ئەتراپىمىزدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھېكايىلىرىنى بايان قىلماقتا.

  پار بىلەن تەمىنلەش پارامېتىرنى تەڭشەپ، پار بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى يۆجىنگەي كوچىسى ياڭگۇاڭ فۇجۈ ئولتۇراق رايونى 3- نومۇرلۇق بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ يىڭنىڭ ئۆيىدىكى تېرمومېتىر 22.8 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسەتتى، «گەرچە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ، 22 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولدى».

  ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تەڭشەش مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا بىر قىسىم پار پونكىتلىرىنىڭ پار تۇرۇبىسى تورىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، بېسىمى قاتارلىق پارامېتىرلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، بۇ شىركەت سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەدرىجىي ئۆرلەتتى ھەمدە مۇكەممەل بولغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پار بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) يېقىلغۇ گاز ۋە پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەركەز تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن ئىلگىرى ئالدىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىدىن ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەش پارامېتىرىنى ئالدىن تەڭشەپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن مەزگىلدە ئاھالىلەر ئۆيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى باسقۇچلۇق پار بىلەن تەمىنلەشكە ئائىت ئىنكاسلار مەركەزلەشكەن رايونلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خادىملارنى مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشكە ئائىت ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىگىلەپ، پار بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلغان. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت كارتىسى تارقىتىش، رېمونتچىلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەرز قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى پار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىگە يولۇققاندا دەرھال ھەل قىلىش يولىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. پار بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۇرۇبا تورىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى

  سەي كاۋىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 3.2 يۈەن، يوۋمەيسەينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 3.8 يۈەن، بەسەينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 1.5 يۈەن... 10- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنمىن يولى ئەتراپىدىكى بىر كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، ھەر خىل يېڭى كۆكتاتلار مال جازىلىرىغا لىق تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالە كۆكتاتلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا ئىدى.

  كۈز كىرگەندىن بۇيان، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆكتات بازىرىدا تەدرىجىي ھالدا سىرتنىڭ كۆكتاتلىرىنى ئاساس قىلىش باشلاندى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى تەمىنلەش زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار تەمىناتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ماددىي ئەشيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىندا جيۇدىڭ كۆكتات سودا بازىرىنىڭ كۈندىلىك سودا مىقدارى 3400 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، تەمىنلەش يېتەرلىك، ئومۇمىي باھا مۇقىم بولدى.

  جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فېڭ جۇەن مۇنداق دېدى: تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان توشۇش قىيىن ۋە تەمىنلەش قىس بولۇش ئېھتىماللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بازىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ، ئامبار زاپىسىنى كۆپەيتتى.

  يىغىلىپ قالغان سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش، چارلاپ تەكشۈرۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىپ يىغىلىپ قالغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش

  ئەتىگەندىكى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە ھەرقايسى رايون (ناھىيە) ۋە شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرىنىڭ بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ يىغىلىپ قالدى، ھەرقايسى مۇھىت تازىلىقى ئورۇنلىرى ئالدىن لايىھە تۈزۈپ، سۇ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرىنىڭ تازىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتتى.

  ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا چياۋيىن شەھەر باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى لۇ يۇڭجۈن تازىلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، قەشقەر يولى كۆۋرۈكىنىڭ ھەرقايسى باغلىما يوللىرىدا يىغىلىپ قالغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى مەشغۇلات ئورۇنلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، سۇ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يىغىلىپ قالغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە،ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە تازىلاش ئاپتوموبىلىدىن 370ى، بۇلغىما سۈمۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن 17سى ۋە مۇھىت تازىلىقى مەشغۇلاتچىلىرى يولغا سۇ يىغىلىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان، خىزمەتچىلەر 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، سۇ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرىنى توختىماي چارلاپ ۋە تازىلاپ راۋانلاشتۇرۇپ، سۇ چىقىرىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  مۇلازىمەت مەھەللە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ھال سورىدى

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى ليۇداۋان كوچا باشقارمىسى چىڭيۈ مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەر گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ، ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ شۇچىڭنى يوقلىدى. 79 ياشلىق ۋاڭ شۇچىڭ ئوغلى بىلەن بىللە تۇراتتى. ۋاڭ شۇچىڭ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئوغلۇم ئۆيدە يوق ۋاقىتلاردا ئۇلار پات- پات لازىمەتلىكلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ، مانا بۈگۈنمۇ يەنە لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ مېنى يوقلاپ كەلدى».

  قار- يامغۇرلۇق ھاۋا رايى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ھال سورىدى.

  ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىپىڭ مەھەللىسى مەھەللىگە «شېرىك» كارخانا ــــ گوتۇڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، جۈنشياڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىشىپ، شاخې ياجۈ ئولتۇراق رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ھال سوراپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى؛ شاڭخەي يولى مەھەللىسى ياشانغانلارغا گىرىلكا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىستاكانى قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  كۆڭۈل بۆلۈش سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارغا سوۋغاتلىق بېرىش

  «تېز كېلىپ زەنجىۋىل چېيى ئىچىپ ئىسسىنىۋېلىڭ!» يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قەشقەر شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى جىڭجياڭ يولى مەھەللىسى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پونكىتىدا پىدائىيلار تېز يوللانما ئېلىۋاتقان تېز يەتكۈزگۈچىگە قىزىق زەنجىۋىل چېيى قۇيۇپ بەردى.

  تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، جىڭجياڭ يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار زەنجىۋىل چېيى قاينىتىپ، ھەسەل، ئەتىرگۈل قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى قاتارلىق سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارغا ئاپىرىپ بەردى.

  قىزىق چايلا ئەمەس، قەشقەر شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى ئۈرۈمچى شەرقىي ۋوگزال مەھەللىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر يەنە تىزلىق تاپشۇرۇۋالدى. بۇ سوۋغاتنى ئۈرۈمچى شەرقىي ۋوگزال مەھەللىسى، تيېچياۋ مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىنىڭ پىدائىيلىرى يەتكۈزگەنىدى.

  سىچۇەندىن كەلگەن ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى لى چاڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق يامغۇرلۇق كۈندە نۇرغۇن تىجارەتچى بىزنى ئارام ئېلىپ ئىسسىنىدىغان جاي بىلەن تەمىنلىدى، يەنە پىدائىيلارنىڭ قىزىق چېيى ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغىسىنىمۇ تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇنىڭ بىلەن قەلبىم ئىللىدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گو جۈنگې، ۋاڭ شۈەن، ۋاڭ يۈەنيۈەن، تاڭ خۇڭمېي، ۋاڭ لېي، جيا مېڭيەن، مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.