تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىنىڭ يېشىل توك سودىسى توك مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى

  ئۈرۈمچى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ كۆلىمى 10 مىليون 5000 كىلوۋاتقا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىپ تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون 245 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدىن خېلىلا ئاشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «جەنۇبنىڭ شامال، شىمالنىڭ يورۇقلۇق» بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئىككى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بوشلۇق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتتى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 10 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئېشىپ، پايدىلىنىش نىسبىتى %94.1كە يەتكەن؛ يېشىل توك سودىسى مىقدارى 306 مىليون كىلوۋات سائەتكە، يېشىل توك كىنىشكىسى سودىسى مىقدارى 366 مىڭ 800گە يېتىپ، يېشىل توك سودا مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

  يېقىندا خۇاديەن مىدۇڭ رايونى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ بىر قىسمى تورلاشتۇرۇلدى، بۇ تۈر مىدۇڭ رايونى بېيشاۋو يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدىكى پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلغان 2- تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرگە 1 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 18 مىڭ 400 مو كېلىدۇ، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىش باشلىنىپ، 160 مىڭ يورۇقلۇق ۋولت قوزۇق ئۇلى، 220 كىلوۋولتلۇق بېسىمنى ئاشۇرۇپ توپلاش پونكىتىدىن بىرى قۇرۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەندە، ئوخشاش كۆلەمدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 250 مىڭ 300 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، 648 مىڭ 600 توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېشىل توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پىلانلاش- لايىھەلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك پىلان نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىدۇڭ رايونى بېيشاۋو يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 330 مىڭ مو (888 كىۋادرات كىلومېتىر) بولۇپ، پىلاندىكى يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 25 مىليون 750 مىڭ كىلوۋات ئىكەن، ھازىر بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 18 مىليون 750 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېچىش دەرىجىسى %72.8كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتكەن يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتور سىغىمچانلىقى 4 مىليون كىلوۋات بولۇپ، قالغان تۈرلەردە قۇرۇلۇش 2025- يىلى پۈتتۈرۈلۈپ تورلاشتۇرۇلىدىكەن.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.