ئاقسۇ ۋىلايىتى
ئىلغار سانائەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن تەڭ جانلاندى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن
«يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش، يېشىل ھىدروگېن ئايرىش تېخنىكىسى ئىلغار ئىكەن، مىڭ يىللىق ئىبادەتخانا، بۇددا دىنى تام رەسىملىرى ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق ئىكەن... كۇچادا ئىلغار سانائەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن تەڭ جانلىنىپتۇ، مەن شىنجاڭنى ئالقىشلايمەن» دېدى نىگېرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ئەلى.
10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى، باي ناھىيەسىدە ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى، ئۇلار جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قىزىل مىڭئۆي قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك يېشىل ھىدروگېن ئايرىش تۈرى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيىگە كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچىنىدىغانلىقىنى، سانائەت كونترول سىستېمىسى بىلەن ئېلېكتىر سىستېمىسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بىر پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ھەر 58 كىلوۋات سائەت يېشىل توك چىقارغاندا، بىر كىلوگىرام ھىدروگېن گازى ھاسىل بولىدىكەن. ئېفىيوپىيە كۆزەتكۈچىلەر تورىنىڭ باش مۇھەررىرى بېنيام تامېنېي گېدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭدەك كۈچلۈك خىمىيە سانائىتىدىن ھەيران قالدىم، ئېفىيوپىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ئېفىيوپىيەنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە كىرگەندە، تام ۋە بۇددا مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. مەركىزىي بۇددا مۇنارى قالدۇقىنىڭ بۇددا مۇنارىغا تۇتىشىدىغان يانتۇلۇقى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئۇنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك ئېگىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى.
«بۇ، بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەرق ـ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنىڭ گۇۋاھچىسى» دەپ بىلدۈردى سۇرىنام زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېلىك لىلىنتار. جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان جاي، شېلىك لىلىنتار شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى.
قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسىملىرى تېمىسنىڭ موللىقى ۋە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى بىلەن «ھېكايە دېڭىزى» دەپ تەرىپلىنىپ، كىشىلەرنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرىدۇ.
«قىزىل مىڭئۆي سەنئەت، بىزنى چەكسىز تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ، ئالىملار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ تېخىمۇ مۇھىمى بىر خەزىنە.» ھوندۇراس 8 ـ ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى كىمبولى گىسار ئېسپىنوسا مۇنداق دېدى: «كۇچادىكى نۇرغۇن بۇددا دىنى خارابىلىرى شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا گۇۋاھ بولغان، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ».