تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىپايان قۇم دېڭىزى ياپيېشىل دەل ـ دەرەخلەر، گۈل ـ گىياھلار بىلەن تەڭ ياشنىدى

تۇرپان شەھىرى

بىپايان قۇم دېڭىزى ياپيېشىل دەل ـ دەرەخلەر، گۈل ـ گىياھلار بىلەن تەڭ ياشنىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

«ئاپتوموبىل بىردەم سۈرئەتنى تېزلىتىپ چوققىغا چىقسا، بىردەم ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ پەسكە چۈشتى، مەن خۇددى غالتەكلىك سىيرىلغۇچقا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدىم...» 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇق داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى چەكسىز قۇم دېڭىزىدا ساياھەتچىلەر قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، كېنىيە يۇلتۇز گېزىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى پاۋىل سېباستىئان ئامكا يىلاد قۇم تېيىلىش ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ، خۇشال ھالدا مۇخبىرلار بىلەن قۇم تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرىدىن ئالغان تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.

شۇ كۈنى، 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى پىچان ناھىيەسىگە كىرىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى. ئەتىگەندە، قۇمتاغ قۇملۇق داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بېرىش يولىدا، پاۋىل سېباستىئان ئامكا يىلادنىڭ كاللىسىدا چوڭ بىر سوئال پەيدا بولغانىدى: «يولدا شۇنچە كۆپ دەل ـ دەرەخ، شۇنچە كۆپ گۈل ـ گىياھ بار ئىكەن، بىز راستتىنلا قۇملۇققا بارامدۇق؟»

كېيىن، پاۋىل سېباستىئان ئامكا يىلاد زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ قۇمتاغ قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور كۈچ بىلەن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى ۋە خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بوستانلىق چېكىنمەسلىك، قۇم كۆچمەسلىك» مۆجىزىسىنى يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىگىلىدى. «بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ناھايىتى قالتىس ئىكەن» دەپ ماختىدى ئۇ.

«تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، ياپونىيەدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.» ياپونىيە گۇڭتۇڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى، ئاگېنتلىق باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى جياتېڭ جىڭجى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا 4 ـ قېتىم كېلىشىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىم تۇرپانغا كەلدىم.

جياتېڭ جىڭجى مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ، تۇرپاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، بۇ يەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، خەلق قىزغىن، ئاق كۆڭۈل ئىكەن. بۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەلقئارادا ھەر خىل خەۋەرلەر بار.» جياتېڭ جىڭجى مۇنداق دېدى: ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم ئەڭ ھەقىقىي بولدى، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىكنىڭ كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«مەن جۇڭگو شىنجاڭنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى، گۈزەل مەنزىرىسىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە قىزغىن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى لېسوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى موروئا ۋېرونىكا موپېلى.

ۋېنگرىيە ATV گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوۋاكىس تاماس مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئاجايىپ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر جاي، دوستلارغا شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.