تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لېكسىيەنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ سۆزلىدى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدۇق

− پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئىلى، قەشقەرگە باردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر بايتا

يېقىندا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ئىشنى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدىن باشلاپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆپ خىل شەكىلدە سۆزلەنگەن نۇتۇق ئارقىلىق، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىدا، يېڭىيەر بازىرىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى لەززەتكە تولدى». غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر بازىرىدىكى ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئايگۈل ئىدىرىس مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا نۇرغۇن ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، سىلەرچە شۇنداقمۇ؟»

غۇلجا شەھىرىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «نەزەرىيە + ئەدەبىيات ـ سەنئەت» لېكسىيە سۆزلەش شەكلىنى قوللىنىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ئېسىل ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈش، يەنە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بۇ يىللاردا، دۆلەت خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سىياسەتنى چىقاردى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەنمۇ ئىگىلىگەن يېڭى سىياسەتلەرنى ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ گۇاڭپىڭ.

«سۆيۈملۈك يۇرتداشلار، تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر بىز زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە قايتالىساق، نېمىلەرنى كۆرەلىگەن بولاتتىڭلار؟ باتۇر باشلامچىلارنىڭ ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىمۇ ياكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سانسىزلىغان كۆزلەرنىمۇ؟» 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىسى دىنار نۇرباقىتنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان باشلاش سۆزى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دىنار جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى بېيدى شەرقىي كەنتىدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچى لى كېنىڭ قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلانغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ، نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئاممىنى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇلازىمىتى، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە باتۇرلۇق بىلەن باشلامچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شۇ كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكى يېڭىسار ناھىيەسىگە بېرىپ، «لېكسىيە سۆزلەش + سىن» شەكلىدە جانلىق مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىغا ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا يەنە مەخسۇس ھەمتۈرتكىلىك سوئال ـ جاۋاب ھالقىسى تەسىس قىلىندى. كادىرلار، ئامما لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

«ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ كېلىشى بىزنى ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلارنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى جانلىق، تەسىرلىك، مەزمۇنى مول، تەپسىلىي، ئېنىق بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز» دېدى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى تەشۋىقاتچى ئايبىكىم ئەنۋەر.

10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىگە كېلىپ، پۇقرالارنىڭ نەزەرى، پۇقرالارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى جانلىق مىساللارنى بايان قىلىپ، كۆپچىلىككە ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

«مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇش جەريانىدا تەجرىبە توپلاشتىن ئوقۇتۇشتا پىشىپ يېتىلىشكىچە، مەن شىنجاڭ مائارىپىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىگە گۇۋاھ بولدۇم». لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى گۆھەر تېرىلقاننىڭ سەمىمىي نۇتقى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

«لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەر، ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ داۋلىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىككە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈردۈم» دېدى گۆھەر.

پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى گۈلقىز مەمەت مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ سۆزلىدى، بىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدۇق. بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمدە نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

ھازىرغا قەدەر، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىي ئون مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى، 477 شۆبە يىغىن مەيدانىدا سىنلىق ئۇلىنىش قىلدى، جەمئىي 11 مىڭ 500 كىشى لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.