تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەھىپىسىنى مانا مۇشۇنداق پۈتۈپ چىقتى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ يوشۇرۇن ئىقتىدار چوڭقۇر قېزىلدى، سىرتنىڭ كۈچىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى

شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەھىپىسىنى مانا مۇشۇنداق پۈتۈپ چىقتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 7 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

6 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتى، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ھازىر، شىنجاڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولۇپ يېتەكلىشىگە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق. قانداق قىلغاندا شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھىپىنى داۋاملىق ياخشى پۈتكىلى بولىدۇ؟ بۇ قېتىمقى يىغىن بۇنىڭغا يول كۆرسەتتى.

شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى

يېقىندا، نىڭبو داشۆدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىلى ۋاڭ خۇەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، داسلارغا قاچىلانغان «روھى كۆتۈرەڭگۈ» دۇڭخەي يېشىل قىسقۇچپاقىسى قۇمچاقلىرى بىرنەچچە ئاي ئەستايىدىل بېقىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا بۇ خىل قىسقۇچپاقىدىن تۇنجى قېتىم خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى؛

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدا 300 مو شىنمېي رەقەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانى «گۇيۈ» ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈپ، تۇنجى قېتىم شىنمېي كەسپى ساھەسىدە پۈتۈن مۇساپىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى؛

جياڭشى ئۆلكىسى دۇڭخۇا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى بىلەن شىنجاڭ جۇڭخې تىيانشان ئۇران كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر يۈرۈش مىكرو ئورگانىزملىق ئېرىتمىنى يەر ئاستى كان قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ ئۇران ئېلىش تېخنىكا ھۈنەر ـ سەنئىتىنى ئىجاد قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بىردىنبىر مىكرو ئورگانىزملىق ئېرىتمىنى يەر ئاستى كان قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ ئۇران ئېلىش بازىسى قۇرۇشنى قوللىدى؛

...

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئارقا ـ ئارقىدىن زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جېجياڭ ئۆلكىسى جېجياڭ داشۆ لوۋ بىڭگەن كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭ نەشپۈت كەسپىدىكى مېۋىلىك دەرەخ قۇرۇپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى قىيىن مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشىنى قوللىدى، پۈتۈن شىنجاڭدا كېسەللىك كۆرۈلگەن كۆلەم ئازىيىپ، ھوسۇل 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاشتى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشىنى قوللىدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەخسۇس بۆلۈملىرى ئەڭ تولۇق، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى...

شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار ھەم جايلار بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم سىچۇەن، چۇڭچىڭ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق غەربىي قىسىمدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى پەن ـ تېخنىكا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن «نۇقتىدىن نۇقتىغا» پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، «4 + 19» دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن ۋە شىنجاڭنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ 1200 تۈردىن ئارتۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 12 مىڭ ئادەم قېتىم پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ رامكا سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلگەن ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق

قانچىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شىنجاڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان، يېرى كەڭ، رايون ئورنى ئۆزگىچە، بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى. ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى تېز قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھازىر شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تېما. بۇ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولۇپ يېتەكلىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن ـ تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن ـ تېخنىكا كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى؛ «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت 26 ماددا»، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش بويىچە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەنگەن مۇھىم سىياسەت ـ ھۆججەتلەر تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى؛ پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسى زور دەرىجىدە زورايتىلىپ، مالىيەدىن ئاجرىتىلغان پەن ـ تېخنىكا تۈرى خىراجىتى يېڭىدىن 2 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىندى...

شىنجاڭ بىر تەرەپتىن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى چوڭقۇر قازدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىرتنىڭ كۈچىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇش تەستىقلاندى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيەسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يېڭى دورا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، جۇڭگو − تاجىكىستان كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى پاكىز ئايلاندۇرۇش ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى؛

پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق كەسىپ ـ تېخنىكىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن شامال سۈرئىتىلىك شامال گېنېراتورى تېخنىكىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خوشاۋيۈن 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي 1 مىليون توننا دەرىجىلىك لىتىي كېنى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنياۋى كان ياتمىلىرى بايقالدى. جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكىنىڭ 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بۇرغىلاش تېخنىكىسى ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ساھە بويىچە تۇنجى 110 كىلوۋولتلۇق دالا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرغاق تىرانسفورموتورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىدى؛

...

پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە دولقۇن تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قەدەم قويغان يېڭى مۇساپىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار ۋە پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى چۆرىدىگەن رىقابەت مىسلىسىز كەسكىنلەشتى، شىنجاڭ تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتا، نېگىزدىن ئېيتقاندا، يەنىلا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى كېرەك.

«تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىش

پەن ـ تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن ـ تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭ جەزمەن «ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدۇ، ئاستا ئىلگىرىلىسىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم ئاپتونوم رايون، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمەت مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

يۆنىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يول بېكىتىلدى. 7 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەم «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا پىكىر يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىرقانچە ئاچقۇچلۇق سۆز بار:

«ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى» −

ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشتۈرۈپ، ئەۋزەل ساھەلەردە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش» −

شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ چوڭ ـ چوڭ پەن ـ تېخنىكا تۈر مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

«رايون پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى» −

ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«تۈرلەرنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش» −

شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شۇنداق قىلغاندىلا، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ماڭغانسېرى تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ ئاندىن يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.