تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى خاس كوچا رايونىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى

   قارا كاھىش، ئاق تاملىق ئىمارەت، شاپتۇل چېچىكى مەنزىرىسى، پانۇس كارىدورى

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى خاس كوچا رايونىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى

تۇڭجيا يېجياڭنەن سودا كوچىسىدا قۇيۇق ئەنخۇي ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر كىشىگە خۇددى جياڭنەن بازىرىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقېن فوتوسى)

   10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى شەرقىي قەشقەر يولىغا جايلاشقان تۇڭجيا خەلقئارا پورتى . يېجياڭنەن تۈرى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. ئەنخۇي ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر خاسلىق قىلىنغان سودا كوچا رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇڭجيا يېجياڭنەن خاس كوچا رايونى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى «سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت- ساياھەت، تەنتەربىيە» بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   شۇ كۈنى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى تۇڭجيا يېجياڭنەن خاس كوچا رايونىغا كىرىپ ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلىدىكى «جياڭنەن خاسلىقى»نى ئالدىن ھېس قىلدى. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدىغان، جياڭنەن ئۇسلۇبىدا قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان ئىمارەتلەر 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن تۇڭجيا يېجياڭنەن سودا كوچىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. سودا كوچىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەنخۇي ئۇسلۇبىدىكى بىناكارلىق ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، قارا كاھىش، ئاق تام، ياغاچ رېشاتكا، كىچىك دېرىزە جياڭنەن ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە يەنە شاپتۇل چېچىكى مەنزىرىسى، بامبۇك مەنزىرىسى، پانۇس كارىدورى، ماي قەغەزدىن ياسالغان كۈنلۈكلەر ئېسىلغان تام، جۇڭگو مودا ئېقىمى رەڭلىك سىزمىسى قاتارلىق توردا ئالقىشلانغان بىر قاتار داكا نۇقتىلىرى بار.

   يېقىن ئەتراپتىكى شىڭجيا جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بەن سۇي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كوچا رايونىدا دۇكان ئارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرگە قىزىل پانۇسلار ئېسىلغان بولۇپ، ياغاچتىن ياسالغان كىچىك كۆۋرۈكلەر كىشىگە خۇددى جياڭنەنگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، يەنە تېخى جۇڭگو مودا ئېقىمى داكا نۇقتىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن، بۇ كوچا رايونىنى ناھايىتى ياقتۇردۇم.

   شىنجاڭ تۇڭجيا ئۆي- زېمىن تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ شېڭۋېي مۇنداق دېدى: كېلىشىم ئىمزالاپ ماكانلاشقان تۇڭجيا خەلقئارا پورت تۈرى خۇاجۇ گۇرۇھى قارىمىقىدىكى جۈزى، يىبىسى، چۈەنجى، خەنتىڭ مېھمانسارىيى ھەمدە جىنجياڭ گۇرۇھى قارىمىقىدىكى لىفېڭ ۋە شىئەن مېھمانسارىيى ھازىر ئىچكى قىسمىنى بېزەش باسقۇچىغا كىردى، كېلەر يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تىجارەت باشلايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. يەنە يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپ ھالىتىدىكى تىجارەتچىلەردىن 100دىن ئارتۇقى ماكانلاشتى، دۇكانلار بېزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن «سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت- ساياھەت، تەنتەربىيە» چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خاسلىققا ئىگە، كۆپ خىللاشقان، سۈپەتلىك ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

   تۇڭجيا خەلقئارا پورتى ئىككى كورپۇس 26 قەۋەتلىك يەر بەلگىسى ئىمارىتى بىلەن بىر كورپۇس ئۈچ قەۋەتلىك بىنادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى شەخسىي زاكاز قىلىنغان ياتاق بىناسى + ئاقىل ئىشخانا + جياڭنەن ئۇسلۇبىدىكى قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان خاس كوچا. تۇڭجيا خەلقئارا پورتى تۈرى يەنە زامانىۋى سودا، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كونا داڭلىق ماركا يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى، خاس ئاشخانىلارنى يادرولۇق كەسىپ ھالىتى قىلىپ، شەھەرنىڭ شىمالىدا يېڭى شەھەر مېھمان كۈتۈش زالى بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.