تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەتىگەندە كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق قاپاقتىكى ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ

  كۆز قاپىقى تېرىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ نېپىز تېرە بولۇپ، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى بوش بولغاچقا، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق بولۇپ قالىدۇ.

  ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا قاپىقىمىز ئىششىپ قالسا، كۆز ئەتراپىمىزنى ئۇۋۇلاپ بەرسەك بولىدۇ: كۆز ئەتراپىمىزنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىز بىلەن تۆت نۇقتىغا بۆلۈپ، ھەربىر نۇقتىنى ئىككى سېكۇنتتىن تۆت سېكۇنتقىچە بېسىپ بەرسەك، كۆز ئەتراپىمىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىششىقنى ياندۇرغىلى، شۇنداقلا كۆزىمىزنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؛ سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بەرسەك ياكى سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇيۇپ بەرسەك، كۆز ئەتراپىمىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.

  يەنە ئۇخلاش ھالىتىمىزنى تەڭشەش ئارقىلىقمۇ بۇنداق ئەھۋالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ: ئۇخلىغاندا ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم مۇشتچىلىك ئېگىزلىكتە بولسا مۇۋاپىق. ئامال بار سۇيۇق- سەلەڭ تاماق يېيىش كېرەك، كەچلىك تاماق تۇزلۇق، تاتلىق ياكى ئاچچىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بەدەن سۇنى كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈۋېلىپ، ئەتىگەندە تۇرغاندا قاپاق ئىششىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

  ئەگەر دائىم قاپاق ئىششىپ، ئۇزاققىچە يانمىسا، دىققەت قىلىش كېرەك. بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلاردىمۇ كۆز ئەتراپى سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.