تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى قاتناش بۈگۈندىن باشلاپ قىشلىق تىجارەت مەزگىلىگە كىردى

   بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش تىجارەت كارخانىلىرى قىشلىق ئاپتوبۇس مېڭىش مەشغۇلات پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ، شەھەر رايونىدىكى تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ئەڭ بالدۇر بولغاندا سائەت 7دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىدۇ، ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىدۇ، تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى يازلىق ۋاقىتتىن سەل كەينىگە سۈرۈلىدۇ، ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سەل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوبۇسقا چىقماقچى بولسا، ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

   مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىغا ۋە يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، 10- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن  باشلاپ ھەرقايسى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە قىشلىق تىجارەت ۋاقتى ئىجرا قىلىنىدىكەن.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش «جېنباۋ» ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چىن خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىشلىق ئاپتوبۇس مېڭىش مەشغۇلات پىلانى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، شەھەر رايونىدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى سائەت 7دىن 20 مىنۇتتىن 7دىن 40 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىدۇ. ئاخىرقى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى شەھەر رايونىدا سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شەھەر ئەتراپىدا سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.