شىنجاڭنىڭ نامى يەنە چىقتى!
يېقىندا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە 14 خاس ئېكولوگىيە ساياھىتى لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى ئېكولوگىيە ساياھەت لىنىيەسى بۇ تىزىملىككە كىردى.
ھاياجانلىق ھېسلار بىلەن، بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ لىنىيەدىكى ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
لىنىيەدىكى يارقىن نۇقتىلار:
بۇ خاس لىنىيە دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىدىن بىرى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىدىن بەشىگە چېتىلىدۇ.
كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ئوتلاق تاش شەھىرى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، قابا ناھىيەسى ئاق قىيىن دۆلەت ئورمان باغچىسى، قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ھەمدە ئاق قابا دۆلەت ئورمان باغچىسىنى تەرتىپ بويىچە تۇتاشتۇرىدۇ.
بۇ لىنىيە دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ياۋروپا-سىبىرىيە تەيجيالىن ئېكولوگىيە سىستېمىسى تارقالغان رايون، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئەڭ مۇھىم تەبىئىي سەيلە-ساياھەت ۋە قىشلىق قار تېيىلىش مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرى.
لىنىيە بويىدا ئېگىز تاغ، مۇزلۇق، ئورمان، يايلاق، دەريا، كۆل، ئارىشاڭ، سۇلۇق يەر، قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بولۇپ، شەكلى خىلمۇخىل، ئۇسلۇبى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاجايىپ گۈزەل ۋە ئۆزگىچە.
01
كۆكتوقاي دۇنيا گىئولوگىيە باغچىسى
كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىدا ھەيۋەتلىك، ئاجايىپ-غارايىپ ۋە ئىنتايىن گۈزەل تۆت چوڭ مەنزىرە رايونى بار: «دۇنيا يەر تەۋرەش مۇزېيى» دەپ ئاتالغان قاراسېڭگىر يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغى، «شىمالدىكى گۈزەل بوستانلىق» دەپ نام ئالغان قارئۆتكەل مەنزىرە رايونى، «جۇڭگودىكى ئىككىنچى سوغۇق قۇتۇپ» يىلېيمۇ كۆلى، يەنە داڭلىق ئېرتىش چوڭ جىلغىسى.
ئالتاي تېغى ئېتىكىگە، تاش ۋە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدا ئېقىن سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جىلغىدىكى يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان شاماللار كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
كۆكتوقاي دېڭىز ئەمەس، لېكىن دېڭىزغا ئوخشاش گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى بار، قارامتۇل يېشىل رەڭلىك شەمشاد، كۈل رەڭ تىك يار، ئالتۇن رەڭلىك ئاق قىيىن، دەريا جىلغىسىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، يىراقتىكى تاغلار بىلەن بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.
02
ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى
«ئەتىيازدا، يازدا سۇ قۇشلىرىنىڭ سۇدا ئوينىشىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىپ، كۈزدە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، قىشتا بېلىق تۇتۇش»تا تەسۋىرلەنگىنى دەل بۇرۇلتوقاينىڭ يادرولۇق جايى − ئۇلۇنگۇر كۆلىدۇر.
جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدا، ئېرتىش دەرياسى، ئۇلۇنگۇر دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بۇرۇلتوقاينىڭ پۈتۈن تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بوشلۇقتىن تۆۋەنگە قارىغاندا، چەكسىز كەتكەن، سۈزۈك، ئىللىق كۆك رەڭ خۇددى قۇملۇق، يايلاققا نەقىشلەنگەن كۆك رەڭلىك قاشتېشىغا ئوخشايدۇ.
كۈز پەسلى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل، كۆل ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرگە ھەر خىل رەڭلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن بولۇپ، سۇ قۇشلىرى ئوينىشىپ، تۆگىلەر بەخىرامان يۈرىدۇ، بۇ ھەم ھاياتىي كۈچكە، ھەم تىنچ، ئىناقلىققا تولغان جاي.
جىنشاتەن، يىنشاتەندىكى ئاسما يولدا ماڭسىڭىز، كۆل سۈيى دېڭىزدەك كۆپكۆك بولۇپ، قۇياش نۇرى كۆل يۈزىگە چېچىلغاندا، خۇددى سۇ يۈزىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغىلا ئوخشاپ قالىدۇ.
قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ، كەچكى شەپەق نۇرى ئەتراپقا چېچىلىپ، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاسمان كۆلدە ئەكس ئېتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى رومانتىك تۈسكە كىرىدۇ.
03
يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونى
يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونى تىپىك گىرانىت تاش تۇخۇمى يەر شەكلى بولۇپ، بۇنىڭدىن 2 مىليون يىلدىن 3 مىليون يىلغىچە بولغان گېئولوگىيەلىك دەۋرلەردە شامالنىڭ ئۇپرىتىشى، سۇنىڭ يالىشىنى ئاساس قىلغان يىمىرىلىش تەسىرىدىن شەكىللەنگەن.
كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، شەكلى خىلمۇخىل غەلىتە تاشلارغا قاراپ، كىشىلەر تەبىئەتنىڭ بۇ ئاجايىپ كارامىتىگە ھەيران بولۇشىدۇ.
مەنزىرە رايونىغا كىرىپلا ئۆزىڭىزنى غەلىتە تاشلار پادىشاھلىقىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، پارچە-پارچە تاشلارنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇچار قۇش، ھايۋانات ۋە ئادەمنىڭ قىياپىتىگە ئوخشايدىغان بەزى تاشلار بەئەينى راستتەكلا كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە ئوت-چۆپلەر يېشىل، ئاسمان كۆپكۆك بولۇپ، مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل.
مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى «تۇڭتيەندۇڭ» يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە، غەلىتە تاشلار تۇتىشىپ چوڭقۇر ئۆڭكۈر شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قۇياش، ئاي، ئاسمان، يەر جەۋھەرلىرىنى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىگىچە باشلاپ كىرىدۇ، بۇ يەرگە 40 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئىزلار قالغان بولۇپ، سىزنىڭ كېلىپ بۇ ئىزلار ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭىزنى كۈتىدۇ.
04
ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى
ئاق قېيىن مەنزىرە رايونى قابا ناھىيە بازىرىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، دەريا ۋادىسى ئىككىلەمچى ئورمان بەلبېغىغا تەۋە، دۆلىتىمىزنىڭ «غەربىي شىمالىدىكى بىرىنچى ئاق قېيىنزارلىق» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئاق قېيىنزارلىقنىڭ شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەندەك گۈزەل قوينىغا كىرگەندە، مەيىن شامال چىقىپ، ھەربىر تال دەرەخ يوپۇرمىقى خۇددى پەس ئاۋازدا پىچىرلاۋاتقاندەك ئاڭلىنىدۇ، بۇ كۈز ھېكايىسىدۇر.
ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا سەيلە قىلسىڭىز، ئاياغ ئاستىڭىزدا خازاڭلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كۈزدىكى قۇياش نۇرى دەرەخ شاخلىرىدىن ئۆتۈپ، كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق ھەم ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ، گاھىدا ئوماق ھەم شوخ بىر، ئىككى بۇغا تاسادىپىي ئۇچراپمۇ قالىدۇ.
05
قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز چوڭ تەبىئىي مەنزىرە رايونىنىڭ بىرىدۇر.
ئۆزگىچە كىلىماتى بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بېشىڭىزنى كۆتۈرسىڭىز مۇكەممەل ساقلانغان مۇزلۇقنى، ئايىغىڭىز ئاستىدا بولسا ياقۇتتەك ياپيېشىل كۆل سۈيىنى كۆرىسىز، ئورمان، يايلاق، چىملىق بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ يەرنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار 1068 پەلەمپەيلىك بېلىق كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، شىپاڭدا تۇرسا پۈتۈن قاناس كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ، يامىشىپ چىققاندىكى ھارغىنلىقى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يوقىلىپ كېتىدۇ.
كۈزدىكى قاناستا، كۆل ۋە تاغلار قويۇق كۈز تۈسىگە كىرگەن، چەكسىز ئورمانلىقتا شەمشادلار قاتمۇقات ئۆسۈپ، سېرىق-يېشىل رەڭلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، كۆل سۈيى ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ، خۇددى ياپيېشىل يىپەك شارپىغا ئوخشاش ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
06
ئاق قابا مەنزىرە رايونى
ئوخشاشلا قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان ئاق قابا مەنزىرە رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %70كە يېتىدۇ، بۇ يەرنىڭ كۈز مەنزىرىسى كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدۇ، رەڭگارەڭ بولۇپلا قالماي، رەڭ قاتلاملىرىمۇ ئىنتايىن ئېنىق.
يىراققا نەزەر سالسىڭىز، ئاق قىيىن، قارىغاي، شەمشاد قاتارلىق دەرەخلەر قاتمۇقات بولۇپ، تاغلارنى قوڭۇر، سېرىق، كۆك، يېشىل رەڭدە بېزەپ، كىشىگە «رەسىم ئىچىدە سەيلە قىلىۋاتقاندەك» تۇيغۇ بېرىدۇ.
بۇ يەردە يەنە «غەربىي شىمالدىكى 1-كەنت» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئاق قابا كەنتى بار بولۇپ، قاناسنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان غايىۋى ماكاندۇر.
قەدىمىي ھەم جىمجىت بولغان ئاق قابا كەنتىدە ئاددىي، ئىپتىدائىي ياغاچ قىرلىق ئۆيلەر بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كۈندە چارۋا باقىدۇ، كۈن پاتقاندا قايتىدۇ، كەنت سىرتىدىكى ئورمانلىق ياكى ئوتلاقتا بىردەم ئولتۇرۇش، يېتىپ بېقىشمۇ، سەپەر جەريانىدا ئاز ئۇچرايدىغان گۈزەل تەسىراتتۇر.
كۈزدە شىنجاڭ تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولىدۇ، سەپىرىڭىزنى ئالتايدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا ئاتلىنىڭ!
مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن، بىپايان دالىدىكى شاماللار، تاغ ئارىسىدىكى ئېرىقلار، جىلغىدىكى ئورمانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنى مۇشۇ يەردە ساقلايدۇ.
شىنجاڭ ياخشى جاي ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى