تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاڭلاڭ! يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسى بايان قىلىندى

   تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىدە باشلاندى.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «مىڭ يىللىق ئەكس سادا» «ئورتاق ماكان» «تىيانشاندا ئۇچرىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىنى چۆرىدەپ كۆرۈنۈشلۈك بايان قىلىپ، نەق مەيداندا تور باش تېمىسىدىكى يەتتە تارقىتىش تۈرىنى ئېلان قىلدى. پائالىيەتتە بۇ تۈرلەر ئارقىلىق بەدىئىيلەشتۈرۈپ بايان قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ئىپادىلەش، كۆرۈنمە شەكىلدە تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىنىدۇ.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىدە باشلاندى.  سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، ئارتىسلار «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، ئارتىسلار «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، بايەكە كەلدىبېكنىڭ نەۋرە قىزى دۇرخان لاچىن «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئەجدادلىرىنىڭ چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قەھۋەخانىسىنىڭ تانزانىيەلىك لوبىنى ھەدىيە «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، جاڭغىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ماندلەي كوللېكتىپى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «جاڭغىر»دىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا.

​10-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئەزىز مېھمانلارنىڭ بايانىنى ئاڭلىماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.