تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ۋەكىللىرى شىنجاڭنى ئالقىشلىدى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە چالغۇ ياساشنى چۈشەنمەكتە.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشماقتا.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يىغىندا قىلىنغان سۆزنى ئاڭلىماقتا.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل نومۇرىنى كۆرمەكتە.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ تۇرپان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر مەيدانىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر غۇلجا شەھىرىدىكى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

نادىر سىن-سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭدا 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

   ئالتۇن كۈزدىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، دۇنيانىڭ نەزەرى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا مەركەزلەشتى. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» باش تېما قىلىنغان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالدىنقى قاتاردىكى باش تېما ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئىزدىنىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى چۈشەندى. بۇ ھەم پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ ساھەسىدىكىلەرنىڭ كاتتا يىغىلىشى، ھەم پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنى نەق مەيداندا چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك.

   10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىغا باردى. گۈزەل شىنجاڭدا، ئەزىز مېھمانلار ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدىن ھەيران قالدى، بۇ تۇپراقنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى ھەم كېلەر قېتىم يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

   «شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. مەن كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جەمئىيەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.» گىرېتسىيە «مۇنبەر گېزىتى»نىڭ ياردەمچى ئىجرائىيە مۇھەررىرى ئىئوئاننا مارىيا پىئېررى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئۆزگىچە سەپەرنىڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قەشقەر بۆلەك رايونى كۆرگەزمە زالىدا، دېڭىز يىپەك يولى ۋە قۇرۇقلۇق يىپەك يولى لىنىيە خەرىتىسىنى كۆرۈپ، لىۋان يىپەك يولى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋالىف كۇمىخا مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن پايدىلىنىپ، بىز ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

   شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. «شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپتۇ ھەم دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە - شارائىتىنى ئىزچىل ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپتۇ، بۇ مېنىڭ ئىلگىرى قىسمەن تاراتقۇلاردىن ئىگىلىگەنلىرىم بىلەن ئوخشىمايدىكەن.» گوللاندىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى روي لى ئاجام مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، كۆزى بىلەن كۆرگىنىنى ئاساس قىلىشىنى، ھەرگىزمۇ ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى بۇ سەپەر نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرىگە چەكسىز لەززەت بېغىشلىدى. «بۇ ئاجايىپ جاي شۇ قەدەر رەڭگارەڭ ئىكەنكى، بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.» بىرازىلىيە «سان پاۋلو سەھىپە گېزىتى»نىڭ باش سودا ئەمەلدارى مارسېلو سوسا لىما بېنېس مۇنداق دېدى: «مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». 

   (سۈرەتلەرنى بىردەك ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جوۋ پېڭ، لۈ يىخەن، گاۋ شۈ، جانات تولقىن، سۇ شۈەنمىڭ، يىن تۇڭيۈەن تارتقان)

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.