تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۈگۈن رەسمىي تىجارەت باشلىدى!

خۇشخەۋەر!

10-ئاينىڭ 20-كۈنى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تىجارەت باشلاپ

شىنجاڭدىكى تىجارەت باشلىغان تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن

شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى رەسمىي ئېچىپ بەردى

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار ئۈستىدىكى سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتتىن ھۇزۇرلانماقتا. ئايدوس ئاگىنبېك فوتوسى

10-ئاينىڭ 19-كۈنى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا

2024__ 2025 - يىللىق قار پەسلىلىك تىجارەت باشلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ

تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ

 بۈگۈن رەسمىي تىجارەت باشلىدى

شۇ كۈنى 

ھەقسىز قار تېيىلىشتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ

 (ئاسما ۋاگون كىرا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ھەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

   بۈگۈنكى تىجارەت ۋاقتى سائەت 11 دىن سائەت 18 گىچە، 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10 دىن سائەت 18 گىچە بولىدۇ. شۇ چاغدا، ئىستىراھەت رايونىدا 1-نومۇرلۇق ئاسما يول، 2-نومۇرلۇق ئاسما يولدىكى ئاسما ۋاگون ئېچىۋېتىلىدۇ، كېيىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا ئاسما ۋاگونلار تەدرىجىي ئېچىۋېتىلىدۇ؛ ئېچىۋېتىلگەن قار تېيىلىش يولى كۆكتوقاي چوڭ يولىنىڭ 3100-2500 بۆلىكى بولۇپ، كېيىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا قار تېيىلىش يوللىرى تەدرىجىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

   ھەرقايسى ساياھەتچىلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قىسمەن يۆنىلىشلىرىدە تېيىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

مەنبە: كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان

قار مەزگىلى 240 كۈنگە يېتىدۇ 

بۇ، نۆۋەتتە ئاسىيادا ئەڭ بالدۇر تىجارەت باشلىغان،

قار مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق بولغان قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ

دابەيپو، كىچىك ئورمانلىق

موگۇباۋ، چوڭ-كىچىك لاڭۋاڭ قاتارلىق تەبىئىي يەر شەكلىگە ئىگە

مەملىكەت بويىچە يەر شەكلى ئەڭ مول قار تېيىلىش مەيدانى دەپ تەرىپلىنىدۇ

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى (ماتېرىيال سۈرەت). خۇ جىنلياڭ فوتوسى.

يېڭى قار تېيىلىش پەسلى باشلاندى

تېزدىن شىنجاڭغا كېلىپ داكا قىلىڭ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.