تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جىڭجۈ تىياتىرى گۈللىرى قاراقاشتا پورەكلەپ ئېچىلدى

   جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى قاراقاش ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
   جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن 100 نەپەر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنى سىستېمىلىق تەربىيەلىدى.

   ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىنخۇا فوتوسى، خەۋىرى

   يېقىندا، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىدىكى 30دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى قاراقاش ناھىيەسىگە كېلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كۈچ قوشۇش − قاراقاش شىچۈ تىياتىرى گۈزەللىك تەربىيەسى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە شىچۈ تىياتىرى ھەۋەسكارلىرىنى جىڭجۈ تىياتىرى بىلىملىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

   جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر قانچە مەكتەپلەرگە بېرىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىغا جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاش سەنئىتىنى ئومۇملاشتۇردى.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.