تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېيىپ ياش بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى ياراتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

كامېرا ئالدىدا، ئۇ قولىغا مەھسۇلاتنى ئېلىپ ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكىنى تەمكىنلىك بىلەن تونۇشتۇرۇپ، ئورۇندۇقنى پات - پات تەڭشەپ، ئاندىن مەھسۇلاتنى كامېرا ئالدىغا ئاپىرىپ تورداشلارنىڭ بەلگىسىنى ئېنىق كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتاتتى... خوشۇت ناھىيەسىدە، مېيىپ ياش ئالىمجان مەمەت تۇرمۇشتىكى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تىز پۈكمەي، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق، قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى ياراتتى.

«پات ئارىدا يەنجىنىڭ قۇرۇتۇلغان لازىسىنى بازارغا سالىمىز» دېدى يېقىندا ئالىمجان مۇخبىرغا. ئالىمجاننىڭ دوۋيىن ھېسابات نومۇرىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولۇپ، مىليوندىن ئارتۇق ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ ئاساسلىقى قەغەز قول ياغلىق، تازىلاش سۇيۇقلۇقى، كىر سوپۇنى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئالىمجاننىڭ ئوڭ پۇتى كېسىۋېتىلىپ، سول پۇتى ئۇۋۇلۇش خاراكتېرلىك سۇنۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىپ، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

«مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇم جاپالىق بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ۋە ھەر ساھە زاتلارنىڭ ياردىمى ماڭا دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا ياشاش ئۈمىدى بېغىشلىدى» دېدى ئالىمجان. ئوپېراتسىيە قىلىنغاندا ئاق كۆڭۈل كىشىلەر قان تەقدىم قىلىپ ياردەم بەردى؛ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇلتۇر يەنە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.

2022 - يىلى 10 - ئايدا، خوشۇت ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئۇ دوۋيىن سۇپىسىدا مال سېتىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىپ، ئاستا - ئاستا تەجرىبە توپلىدى. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالىمجان مال سېتىشنى دەرھال باشلىماي، بەلكى ئۆيىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى تاللىدى. ئۇ تەربىيەلىنىش جەريانىدىكى سىن ئېلىۋالغان كۆرۈنۈشنى ئاختۇرۇپ، قايتا - قايتا كۆرۈپ، چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى توردىن ئىزدىدى.

2023 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئالىمجان كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى باشلىدى. كامېرا ئالدىدا ئۇ جىددىيلەشتى ھەم ھاياجانلاندى، گەرچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى تاماشىبىنلار ساناقلىقلا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەل قويۇۋەتمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى ئون يۈەن تاپالىساممۇ خۇشال بولاتتىم».

ھەر كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىننى يېڭىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر تاۋارنى كۆڭۈل قويۇپ تونۇشتۇردى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاخىر جاۋابقا ئېرىشىپ، مەستانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشتى. 11 - ئايغا بارغاندا ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئالىمجان ئۆزىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمىدى، ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىنمۇ ئاغرىنمىدى، ھەمىشە ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ چىدامچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقى نۇرغۇن مەستانىنى جەلپ قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئىنكاس رايونىدا «سىزنى قوللايمەن» دېگەن ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنى قالدۇردى. ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ساتقان ماللارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى، مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مال ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. ئايرىم ئۇچۇر يېزىپ ئۇنى مال سېتىشقا تەكلىپ قىلىدىغان سودىگەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، لېكىن ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەربىر تاۋارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ھېچكىم سىزنىڭ ھالىڭىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالالمايدۇ، ئادەم جەزمەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: «بىر پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمەن، مەسىلەن، توكسىكلىت ھەيدىگەندە، قولۇمدا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، بىر پۇتۇم بىلەن تورمۇزنى دەسسىيەلەيمەن».

بۈگۈنكى كۈندە، ئالىمجاننىڭ ئايلىق كىرىمى مۇقىم 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، تېلېفوندا سۆزلەشكەندە مۇخبىر ئالىمجاننىڭ ھاياجانلانغانلىقىنى ھېس قىلالىدى.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئالىمجان ئۆزىنىڭ شىركىتى − شىنجاڭ شوۋاڭ سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. «مال سېتىپ بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكەندە، دوۋيىن سۇپىسى ماڭا شىركەت قۇرۇش تەكلىپى بەردى» دېدى ئالىمجان.

بۇ كۈنلەردە ئالىمجان مېيىپلەر ھەيدەش كىنىشكىسى ئىمتىھانىنىڭ 1 - تۈر ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بەش مو يەرنى ئىجارە ئېلىپ، كالا قوتىنى سېلىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدى. ئالىمجان مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، بەخت ئەمگەكچان ئىككى قول ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، پەقەت ئىشلەشنى خالىسىلا، تېخىمۇ زور ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.