تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭى بازار ئېچىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«ھازىر، ھەر كۈنى 20دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىمىزدىن يۈك قاچىلاپ چېگرادىن چىقىدۇ، ماللار كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ» دېدى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭ ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى نيۇ تيەنلۇڭ.

شۇ كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدىكى ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا، سەككىز دۆلەتكە توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق تاۋار ساندۇققا قاچىلىنىپ ھەم ئېكسپورت قىلىنىدىغان جاي بويىچە رايونلارغا ئايرىپ رەتلىك تىزىپ قويۇلۇپ، كېيىنكى بۆلەكتىكى «سەپىرى»نى كۈتۈۋاتاتتى. ئىسكىلات سىرتىدا، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى يۈك توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى.

شېنجېندا ئىزچىل ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نيۇ تيەنلۇڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ يىل 4 - ئايدا ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدا ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

«باغچە رايونىغا ماكانلاشقاندا نېمىنى ئەڭ مۇھىم بىلدىڭىز؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.

نيۇ تيەنلۇڭ بىر - بىرلەپ مۇنداق مىسال كەلتۈردى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى تېز بولدى، زاكاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى؛ جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ساياھىتى، سودا ئالاقىسى سىجىل جانلاندى؛ 2023 - يىلى ئەركەشتام پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قۇرۇقلۇق پورتلىرى ئىچىدە 2 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى جانلاندى؛ ئەركەشتام پورتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم يول، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە قاتناش ئەۋزەللىكىدىن ئىبارەت قوش ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. مۇشۇ ئەۋزەللىكلەر بولغاچقا، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونى ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جايغا ئايلاندى.

ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، ئامباردا تەقسىملەش، يەتكۈزۈش، تەمىنلەش زەنجىرى بىر گەۋدىلەشكەن كارخانا بولۇپ، ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدا ئىككى ئىسكىلاتى بار، يەنە قىرغىزىستاندا مەملىكەت سىرتى ئامبىرى تەسىس قىلغان ھەم مەملىكەت سىرتى ئامبىرىغا ماسلىشىپ 20دىن ئارتۇق تور دۇكىنى ئاچقان. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت 200 ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسپورت ماللارنى توشۇشنى تاماملاپ، 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. «كەنتىمىزدە يەتتە ئادەم بۇ يەردە قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولدى، ھەر ئايلىق مائاشى 6000 يۈەن ئەتراپىدا» دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى كۆلئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇرا تۇرسۇن. نۆۋەتتە، ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئەتراپتىكى 60 دېھقان - چارۋىچىنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش خىزمىتىگە قوبۇل قىلدى.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل 6 - ئايدا، ئوۋيا چاڭباڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى 30 تىرانسپورت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىل ئەترىتى قۇردى. «بىز كېلەر يىلى تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنى 200گە كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مەملىكەت سىرتى ئامبىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئاساس سېلىشنى ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى نيۇ تيەنلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.