تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 2130 تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون جەمئىي 2130 تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى ئېلان قىلغان؛ 112 جەمئىيەت تەشكىلاتى 871 تۈرلۈك كوللېكتىپ ئۆلچەمنى ئېلان قىلغان؛ 6701 كارخانا 51 مىڭ خىل مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 مىڭ تۈرلۈك ئۆلچەمنى ئۆزى ئېلان چىقىرىپ ئاشكارىلىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نى يەرلىك ئۆلچەم بېكىتىش فۇنكسىيەسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن 142سى، دۆلەت دەرىجىلىك مۇلازىمەت كەسپى، سانائەت ساھەسى، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملەشتۈرۈش سىناق نۇقتىسىدىن 55ى، دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە دەلىللەش نۇقتىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئۆلچىمىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى ماس قەدەمدە تۈزۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، تەۋسىيە خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسى تەرجىمىسىدىن بەش تۈرنى ئۈستىگە ئالدى، خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىغا خەلقئارا ئۆلچەم تەكلىپىدىن بەش تۈرنى تاپشۇردى، خەلقئارا ئۆلچەمنى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى جەمئىي 52 تۈرگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئۆلچەم بويىچە خوت يۆتكەپ دەرىجە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، كوللېكتىپ ئۆلچەم بويىچە مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆلچەم بويىچە يېتەكلەش قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «تۆت تۈرلۈك قۇرۇلۇش» ۋە ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەتكە تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتى، ئۆلچەملىك تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى، ئۆلچەملىك ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۈنۈمنى باھالاش ھەرىكىتى، مۇنەۋۋەر ئۆلچەملىك مىساللارنى توپلاش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت «تۆت تۈرلۈك ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.