تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىش

​− 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۈنۈمىگە نەزەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

كۈز كۈنلىرىدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، كاتتا مەنزىرىلەر كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، ياخشى دوستلار بىر يەرگە جەم بولدى. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇ زاتلىرى تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىپ، جۇڭگو شىنجاڭدا جەم بولۇپ، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

بۇ، پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ ساھەسىنىڭ بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىشى − ھەرقايسى تەرەپلەر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ھالقىپ، جەمئىيەت پەرقىدىن ھالقىپ چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش جەريانىدا، تاراتقۇ تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدىكى ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

بۇ يەنە پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئىزدىنىش سەپىرى − ئۇلار كارخانىلارغا كىرىپ، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، مەنزىرە رايونلىرىدا سەيلە قىلىپ، تۈرلەرنى كۆرۈپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدا بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، گۈللەنگەن، مۇقىم شىنجاڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى ھېس قىلدى.

دۇنيانىڭ دىققىتى تارتىلدى

ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش نامايان قىلىندى

ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىدا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم قارالمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. «AI قىزغىنلىقى» پۈتۈن يەرشارىدا ئەۋج ئالغان ھازىرقى پەيتتە، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى»نىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغانلىقىنى زامانغا ماسلىشىپ ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈش، دېيىشكە بولىدۇ.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، «دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن سۆز تاراتقۇ كەسپىدىكى زاتلارنىڭ قىلغان نۇتقىدا ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولدى. بۇ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسىغا قارىتىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن جاي − شىنجاڭ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ مەنپەئەتلىنىشكە بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

«ھازىرقى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا، تاراتقۇلار ئارىسىدا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمدە ئەمەلىي ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم.» جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىللىق تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋىلسون سۇبولامونې مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن كەڭ قورساقلىقىمىز ئارقىلىق بىر - بىرىمىزگە قۇچاق ئېچىشىمىز، دۇنياغا قۇچاق ئېچىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتى بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچماقتا.

دۆلىتىمىزدە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تېز شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» شىنجاڭ ئەمدى نىسبەتەن بېكىنمە ھالەتتىكى چەت، يىراق رايون بولماستىن، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ كۆزنىكى بولۇپ قالدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر شىنجاڭدا گىرەلىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن بارغانسېرى كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى.

دۇنيا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات شىفىرىنى يېشىشكە ئېھتىياجلىق، جۇڭگومۇ دۇنيانىڭ قايتىدىن تونۇشىغا ئېھتىياجلىق. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى، مەملىكەت سىرتىدىكى تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈم ۋەكىللىرى ۋە دوستانە زاتلار كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەمكارلىق توغرىسىدا كېڭەشتى.

«مەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلدىم.» سىلوۋاكىيە Netky ئاخبارات تورىنىڭ مەسئۇلى پېتېر ۋېنس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كەلگىنىمدە، بۇ تۇپراقتا نامايان قىلىنغان ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى يەنە شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى بىر قېتىملىق ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، تاشقى سودىدا ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىرى شىڭ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسىدە سىجىل چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىمىز.

ھەقىقىي خاتىرىلىدى

«تۇمان» «پەرداز» ئېچىپ تاشلاندى

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. «ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭ زادى قانداق؟» بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇ زاتلىرى شىنجاڭغا جەم بولۇشتىن بۇرۇن، ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدە بەلكىم جاۋاب بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار ھەممە يەرنى ئايلىنىش، كۆرۈش، شىنجاڭنى ھەقىقىي ھېس قىلىشنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئۈمىد قىلاتتى.

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت باشلانغان شۇ كۈنى، بەزى چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى بالدۇرلا ئاپتوبۇسقا چىقىپ يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇردى؛ بەزى ۋەكىللەر تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ھەممە يەرنى كۆرۈپ بېقىشنى ئۈمىد قىلدى...

مۇزېي مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى كۆزنەك. شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرگەندە، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى جابدۇقلار، توقۇلما بۇيۇملار، ھەيكەللەر، پۇللار، رەسىملەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى جىمجىت ھالدا چاڭ - توزان باسقان بىر بۆلەك تارىخنى بايان قىلىپ تۇراتتى، ئۇلارغا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالاقە ۋە مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئىزنالىرى نەقىشلەنگەنىدى.

«بۇ يەردە جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگرامما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مارىياننا دۇرجېۋىچ ھاياجانلانغان ھالدا.

لەرزان بۇلۇتلار كۆپكۆك ئاسماننى زىننەتلەپ تۇراتتى، ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەر بىلەن كوچا رايونىدا بارلىققا كەلگەن ئاۋات مەنزىرە بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى... غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شوئار كوچىسىغا كەلگەندە، بىر خىل گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان ئىناق كەيپىيات ھەممە يەرگە تارالغانىدى. چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى رۇس ئۆرپ - ئادىتى باغچىسىغا كىرگەندە، ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن بىر توپ كىشى خۇشال ھالدا ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. بۇ خۇشاللىقلاردىن ھاياجانلانغان ۋەكىللەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەر توپىغا قوشۇلدى.

پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى سابىنە ئوسمان ھارتاكنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى. «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خاتالىقى چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، جۇڭگو شىنجاڭ قىلچە بېكىنمە ۋە مۇتەئەسسىپ ئەمەس ئىكەن، ئەركىن، سىغدۇرۇشچان ھەم ئېچىۋېتىلگەن بولۇش ئۇنىڭ ھەقىقىي بەلگىسى ئىكەن» دېدى ئۇ.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن شۆيۈەننىڭ دەرسخانىسى، كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، دىن شۆيۈەننىڭ مەسئۇلى يەنە دىن شۆيۈەن مەسچىتىدە ئۇلار بىلەن كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

«شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپتۇ ھەم دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە - شارائىتىنى ئىزچىل ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپتۇ، بۇ مېنىڭ ئىلگىرى ئىگىلىگەنلىرىم بىلەن ئوخشىمايدىكەن» گوللاندىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى روي لى ئاجام مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، كۆزى بىلەن كۆرگىنىنى ئاساس قىلىشىنى، ھەرگىزمۇ ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قەشقەر بۆلەك رايونى كۆرگەزمە زالىدا، دېڭىز يىپەك يولى ۋە قۇرۇقلۇق يىپەك يولى لىنىيە خەرىتىسى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. لىۋان يىپەك يولى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋالىف كۇمىخا كۆرگەزمە تاختىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، ئەشيا ئوبوروتى ئەھۋالى ھەم كەلگۈسى كەسىپ پىلانى تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مەن ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخ ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى بىرلا ۋاقىتتا ھېس قىلدىم، بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.» ۋالىف كۇمىخا مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن پايدىلىنىپ، بىز ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

ھەقىقىي بولغاندىلا ئاندىن تەسىرلىك بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇ ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگو شىنجاڭ تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بولدى.

يوشۇرۇن كۈچ چەكسىز بولدى

ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

چەت ئەلدىكى نۇرغۇن تاراتقۇ خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى چۈشىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ يىللاردا مەن جۇڭگودا نۇرغۇن قۇرۇلۇشنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇنداق يېشىل ئېنېرگىيە تۈرىنى كۆرۈپ، يەنىلا چوڭقۇر ھاياجانلاندىم!» زامبىيە دۆلەت رادىيو شىركىتى تور ئاخبارات تاراتقۇسىنىڭ مەسئۇلى جوشۇئا ئىيساك جېففرېينىڭ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىدى.

بۇ تۈر دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ بىۋاسىتە يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردە قۇياش نۇرى 900 پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ۋە ئايلاندۇرۇلۇپ، يېشىل توكقا ئۆزگەرتىلىپ، يىلىغا 20 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىقتىدار شەكىللەندۈرۈلىدۇ، لايىھەدىكى كۆلەم بويىچە، ھەر يىلى 485 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ 300 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككەنگە باراۋەر.

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى شىنجاڭ «مىسالى» زامبىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى، يېشىل ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە نىسبەتەن ناھايىتى ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. جوشۇئا ئىيساك جېففرېي مۇنداق قارىدى: زامبىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ كىلىمات شارائىتى جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار، مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولۇش قاتارلىقلار، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بار، «جۇڭگودىن تېخىمۇ كۆپ يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ ساھەسىدىكى زاتلارغا ئېلىپ كەلگەن ئويلىنىش ۋە ئىلھام ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى تاراتقۇ ساھەسىنىڭ كەسىپ چېگراسىدىن ھالقىپلا قالماي، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدىمۇ قالتىس سەھىپىلەرنى قالدۇرىدۇ.

تۇرپان يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى «قۇياش شەھىرى»دە، 293 بىنانىڭ ئۆگزىسىگە جەمئىي 37 مىڭ دانە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، يىللىق توك چىقىرىش سىغىمى تەخمىنەن 10 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تاۋارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن ئۆگزە يورۇقلۇق ۋولت ۋە مىكرو ئېلېكتىر تورى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. كۈندۈزدە، ئۆگزىدىكى يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى توك چىقارغاندىن كېيىن ئاھالىلەرنى بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئارتۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىدا ساقلىنىدۇ؛ كەچتە، ساقلانغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ.

بۇ تۈردە يەنە توكلۇق ئاپتوموبىلغا مەركەزلىك توك قاچىلاش پونكىتى يانداشتۇرۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 22 توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر فوتوۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ كەلگۈسى شەھەر» ئىسپانىيە پۇل مۇئامىلە دۇنياسى گېزىتىنىڭ گېزىتخانا باشلىقى مېسزىدا مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان «قۇياش شەھىرى» توپلىغان يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تەجرىبىسىنى بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە قاتارلىق ساھەلەرگە كۆپەيتكىلى بولىدىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۇرسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

پولشا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ماكسىمىلىئان ماناستېسكىينىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى. «بۇرۇن مەن بۇ يەر توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بايقىدىم.

«شىنجاڭدا تۇرۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن» ئىسپانىيە «رامانچا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باشلىقى روسالىند مارىيا تېگرا لىسانو ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا ناھايىتى ئۈمىد بىلەن قارىدى، «ئىككى تەرەپنىڭ كارخانىلىرى ۋە خەلقى ئۈچۈن، ئىشىنىمەنكى، بىز ئۆزئارا ھەمكارلىق بوشلۇقىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.