تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەك گۈزەل ئىكەن! بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن! بەك جەلپكار ئىكەن!

چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرىنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ −

بەك گۈزەل ئىكەن! بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن! بەك جەلپكار ئىكەن!

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىياپىتى قانداق؟ 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى. يېقىندا ئۇلار سايرام كۆلى، «قۇياش شەھىرى»، شىنجاڭ مۇزېيىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. «بەك گۈزەل ئىكەن!» «بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن!» «بەك جەلپكار ئىكەن!» ئۇلار ئىچ ـ ئىچىدىن چىقىرىپ ماختىدى. چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىزنى ھەقىقىي خەۋەر قىلىپ، دۇنيا خەلقىنى شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلىغان پىتنە ـ ئىغۋا توقۇغۇچىلارنىڭ رەزىل ئەپت ـ بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

سايرام كۆلى

تەبىئەت بۇ يەرگە بەك كۆپ گۈزەللىك بېغىشلاپتۇ

10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى سەھەردە، 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سايرام كۆلىگە قاراپ ماڭدى، يولدا توختىماي كۈز يامغۇرى يېغىۋاتاتتى. سىم ـ سىم يامغۇردا سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزى تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى، كۆل سۈيى بىلەن قارلىق تاغ گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، ئاق قۇلار كۆلدە ئۈزۈپ يۈرەتتى. كىنودىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشايدىكەن، چۈش كەبى ئىكەن، بەك گۈزەل ئىكەن... چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى توختىماي ئىپادىلىدى.

پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۇڭگو ئاخبارات تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رۇبېن ناۋاز مۇخبىرنىڭ سىنلىق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان، لېكىن سايرام كۆلىنىڭ گۈزەللىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەن، تەبىئەت بۇ يەرگە بەك كۆپ گۈزەللىك بېغىشلاپتۇ».

سۆھبەت جەريانىدا، رۇبېن ناۋاز كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىدى. ئۇ شىنجاڭغا ئىككى قېتىم كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق تەسىراتى ئويلىغىنىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. «يەتتە يىل ئىلگىرى مەن شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن، مەن شىنجاڭنى قاقاسلىق دەپ قارايتتىم، كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ مەن شىنجاڭغا 2 ـ قېتىم كەلدىم، مەن شىنجاڭنى پەقەت گۈزەل دەپلا ئويلايتتىم، ئويلىمىغان يەردىن تېخىمۇ كۆپ زامانىۋىلىقنى ھېس قىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا كەلگەن كەچۈرمىشىم مەن بىلىدىغان شىنجاڭ توغرىسىدىكى بەزى خاتا ئۇچۇرلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى».

«بىز كۆرگەن ئەمەلىيەت شۇكى، جۇڭگو شىنجاڭ تېز تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، بۇ يەردىكى خەلق ئىنتايىن بەختلىك ئىكەن، مەن بىر ھويلىدا كۆپ مىللەت ئاممىنىڭ بىللە تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بىر سورۇندا كۆپ مىللەت ئاممىنىڭ بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەر ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىپلا قالماي يەنە مەبلەغ سېلىشقىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن» دېدى رۇبېن ناۋاز.

شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلانغان يالغان خەۋەرلەرگە قارىتا، رۇبېن ناۋاز مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاشۇ خاتا تەشۋىقاتلار ھامان توختاپ قالىدۇ، پىتنە ـ ئىغۋا توقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئابرۇيى چۈشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى ھەقىقىي خەۋەر قىلىدۇ.

«قۇياش شەھىرى»

بۇ بىر ئۇلۇغ پىلان ئىكەن، كەلگۈسى شەھەر ئىكەن

«قۇياش شەھىرى» قانداق بولىدىغاندۇ؟ 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭدا 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان 30 نەچچە نەپەر چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىلى تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن تۇرپان يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى «قۇياش شەھىرى»گە كىرىپ كەلدى.

«بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن!» «قۇياش شەھىرى»دىكى كۆلىمى زور بولغان يورۇقلۇق ۋولت ئۆگزە قۇرۇلۇش توپىنى كۆرگەندە، ئىسپانىيە «پۇل مۇئامىلە دۇنياسى گېزىتى»نىڭ گېزىتخانا باشلىقى مىسزىدا ھاياجانلاندى.

«قۇياش شەھىرى»دە 11 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بار بولۇپ، 7300دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 30 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. ئادەتتىكى مەھەللىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يەردىكى ھەربىر ئىمارەتنىڭ ئۆگزىسىگە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئورنىتىلغان. كۈندۈزدە، يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى توك چىقارغاندىن كېيىن ئاھالىلەرنى بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئارتۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىدا ساقلىنىدۇ؛ كەچتە، ساقلانغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، بۇ، مىكرو ئېلېكتىر تورى توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

تۇرپان «قۇياش شەھىرى» مىكرو ئېلېكتىر تورى توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ تۇرپان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر مەيدانى ئاسراش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى نۇر يىغىش، ساقلاش، قاچىلاش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە ئۈلگە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. مىسچىدا مۇنداق قارىدى: بۇ بىر ئۇلۇغ پىلان ئىكەن، كەلگۈسى شەھەر ئىكەن، تۇرپاندىكى «قۇياش شەھىرى» توپلىغان يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تەجرىبىلىرىنى دۇنيادىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگىچە كېڭەيتىشكە بولىدىكەن.

تۇرپاندىكى «قۇياش شەھىرى»دە توك چىقىرىۋاتقىنى ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدىكى يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەيدان ـ پونكىتنىڭ ئاساسىي بىنا ھويلىسىدىكى تۆت دانە قۇياش ئىز قوغلىغۇچى ئۈسكۈنىسى ھەمدە ئاساسىي بىنانىڭ سىرتقى تېمىدىكى 300دىن ئارتۇق تام تاختىسى بار.

ئاساسىي بىنا تۇرپان ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ قوشۇش شەكىللىك تۆشۈكلۈك تېمىنىڭ لايىھە ئىدىيەسىنى قوللىنىپ سېلىنغان بولۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە يەنە توك چىقىرالايدۇ. دەسلەپتە، چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىدىكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭلىك سىرتقى تام تاختىسىنىڭ قانداق توك چىقىرىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالدى. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ئىسپانىيە «رامانچا ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باشلىقى لىسانو بىلەن ئىسپانىيە «پۇل مۇئامىلە دۇنياسى گېزىتى»نىڭ دىرېكتورى مارتىنېز سىرتقى تام تاختىسىنىڭ توك چىقىرىش مەخپىيەتلىكىنى ئالدى بىلەن ئاچتى. ئۇ ئىككىسى تامغا يېقىن يولدىن ئۆتكەندە، سۆسۈن قوڭۇر رەڭلىك سىرتقى تام تاختىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئىكەنلىكىنى، تاختا ئىچىگە مېتال سىم يوشۇرۇنغانلىقىنى، بۇ مېتال سىمنىڭ دەل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يىغىش ۋە يەتكۈزۈشتىكى ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىز بايقاپ قالغانىدى. بۇ بايقاش كىچىككىنە «زىلزىلە» پەيدا قىلىپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بەش ـ ئالتە مۇخبىرىنى دەرھال كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

ئاساسىي بىنانىڭ ئۆي ئىچى ئەينەك ئۆگزىلىك بولۇپ، ھاۋا رايىغا ئاساسەن ئېچىلىش ـ يېپىلىش ھالىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاندا يېپىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇقى ۋە تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. نەق مەيداندا، خىزمەتچى خادىملار تىزگىنەك بىلەن ئەينەك ئۆگزىنى ئاچقاندا، نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ناھايىتى ھەيران قېلىپ، بەس ـ بەستە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. كېنىيە يۇلتۇز گېزىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى ئىرادو بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئۇ نەق مەيداندا ئالاقىدار تېخنىكلاردىن توختىماي سوراپ مىكرو ئېلېكتىر تورى سىستېمىسىنى قانداق قىلغاندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

تۇرپان «قۇياش شەھىرى»دىن چىقىرىلغان يېشىل توك ئائىلە تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، يەنە توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردە توكلۇق ئاپتوموبىلغا مەركەزلىك توك قاچىلاش پونكىتى يانداشتۇرۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 22 توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ. «ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ھەممىسى يېشىل ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدىكەن!» پولشا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماناستسكىينىڭ قارىشىچە، «قۇياش شەھىرى»لايىھەسى ئامېرىكا قىتئەسى، ياۋروپا قىتئەسىگىچە كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىكەن.

شىنجاڭ مۇزېيى

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول مەزمۇنىنى ھېس قىلىش

مۇزېي مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى كۆزنەك.

10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، 6 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى دەۋردىكى تاش قوراللار، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى، نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان كىمخاب... مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بوسنىيە ـ گېرتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگرامما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مارىياننا دۇرجېۋىچنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «بەك جەلپكار ئىكەن! بۇ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا زەن سېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

«بىز بۇ يەردە قىممەتلىك كۆپ مىللەت تىلىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر، ئاجايىپ چىرايلىق ھەيكەلتىراشلىق تام رەسىملىرى، نەپىس يىپەك، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە ئۆزگىچە رەڭلىك ساپالچىلىق سەنئىتىنى كۆردۇق.» سىلوۋاكىيە Netky ئاخبارات تورىنىڭ مەسئۇلى پېتېر ۋېنس مۇنداق دېدى: ئۇلار قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى كاتتا ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق كۆپ مىللەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا يۇغۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىنى ئېنىق، بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.

شىنجاڭ مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھۆججەت ـ ئەسەرلەر، تارىشا پۈتۈكلەر قاتارلىق تارىخىي ھۆججەتلەردە خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىن يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، ھەتتا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قاتارلىقلار ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«بۇ بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي تومۇرىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى.» مالاۋى ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى تىئونىي ئاندېرسون مۇنداق دېدى: بۇ تارىخىي ماتېرىياللار جۇڭگونىڭ تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

مارىياننا دۇرجېۋىچ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق بىز جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل، پارلاق تارىخىي مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا تارقىتىمىز.

(مۇخبىرلار گو لىڭ، يۈ جياڭيەن، ليۇ شياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.