تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇرسەتنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىش كېرەك

چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى

پۇرسەتنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ـ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى.

چېن ۋېيجۈن «ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايلى»نى باش تېما قىلىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. شۆيۈەننىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاسلىقى روشەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئۆرنەك مەكتەپكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس، قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان زۆرۈر دەرس، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈچ ئۇلاش دەرسى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، شىنجاڭ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

دەرس سۆزلەشتىن بۇرۇن، چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدىكى تەجرىبە ـ ئەمەلىي مەشىق باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۆيۈەننىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.