− «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ۋاقىت دەرۋازىسىنى ئاچتى بويىچە يۈرۈشلۈك ئومۇمىي بايان (2)
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلماقتا. □ سۇن جېنسۇڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان چۆللۈكتە، دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن 10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى ئەڭ قۇيرۇق قىسمىغا جايلاشقان تۇر − بەدەل تۇرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بەدەل تۇرى سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى بار. بىر تۇر، بىر سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلاندۇرۇلغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
مىڭ يىللىق يىپەك يولىدا، مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلدى. شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆت چوڭ مەدەنىيلىك بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ توپلاندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بۇ يەردە ۋارىسلىق قىلىندى، راۋاجلاندۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، جانلاندۇرۇش، پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىنغا تارقالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنى «جانلاندۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلدى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.
قوغداش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلدى
10 - ئايدىكى يارغول قەدىمكى شەھىرىدە كۈزنىڭ ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا سەيلە، ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتاتتى. قەدىمكى شەھەرنىڭ تىك قىيا گەۋدىسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش كەسپىي كوللېكتىپى تىك قىيا گەۋدىسىنى جىددىي، تەرتىپلىك مۇستەھكەملەۋاتاتتى، رېمونت قىلىۋاتاتتى.
يارغول قەدىمكى شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش يولى، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ مۇھىم بىر دەلىلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون ھەم تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يارغول قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا، بۆلەك رايونلارغا بۆلۈپ، قاتلامغا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتتى. «نۆۋەتتە، يارغول قەدىمكى شەھىرى خارابىسىگە جايلاشقان ئىككى ئورۇندىكى ئاھالىلەر قورۇلىرىنىڭ %90ى رېمونت قىلىنىپ بولدى، تىك قىيا گەۋدىسىنىڭ شەرق تەرىپىنى قوغداش، رېمونت قىلىشنىڭ يېرىمى تۈگىدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ %80ى تاماملىنىدۇ، كېلەر يىلى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قوغداش - رېمونت قىلىش (5 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ» دېدى يارغول قەدىمكى شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەندۇڭ.
4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش؛ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابىلىكى توپى، بېيتىڭ قەدىمكى شەھىرى، يارغول قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، كىروران قەدىمكى شەھىرى قاتارلىق نۇقتىلىق يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش، كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە ئارخېئولوگىيە خارابىسى باغچىسى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش؛ كۇچا شەھەرلىك دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى مەركەزلىك قۇرۇش... ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر «قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممىتىنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىدى.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى بۈگۈر ناھىيەسىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ رايونىنىڭ رەسمىي جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى»دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي مەدەنىيەت يەر بەلگىسىنى چۆرىدەپ، بۈگۈر ناھىيەسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى (غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى) تۈرىنى قۇردى. «بۇ تۈرگە تەخمىنەن 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، زوركۈت قەدىمكى شەھىرى، كۈيۈك شەھەر قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەرنى يىغىپ ساقلاش، ساقلاش، قوغداش، تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىشقا ئىشلىتىلىپ، مەدەنىيەت يىلتىزى ساقلاپ قېلىنىپ، مىللەتنىڭ روھى ساقلىنىدۇ» دېدى بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ يەنلىڭ.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، بەدەل تۇرى يەر تەۋرەشتە بىرقەدەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. «بىز بۇ ئەھۋالنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئىككى تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مەخسۇس مەبلىغىنى پائال ئىلتىماس قىلدى. 8 - ئايدا، مۇتەخەسسىسلەر <ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەسلىگە كەلتۈرۈش> پىرىنسىپى بويىچە تۇرنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ يەر تەۋرەشتىن بۇرۇنقى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى لىن يەنفېي.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «جانلاندۇرۇلدى»
«تەييارلىنىڭلار، بىز ھازىر بىرلىكتە مىڭ يىل ھالقىپ بۇددا ئىبادەتخانىسىغا كىرىمىز.» بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى يادىكارلىق ئورنى مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساياھەتچىلەر 5D چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش رايونىدا ئۆرە تۇردى، رەقەملىك ئېكراندا مۇكەممەل بولغان بۇتخانا، ئەينەن بۇتلار ۋە نەپىس تام رەسىملىرى نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئىلگىرىكى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن قۇچۇ خۇيخۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى كىشىلەر ئالدىدا قايتا جۇلالاندى، رەقەملىك تېخنىكا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يېڭى ھاياتلىق بېغىشلىدى.
مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسى جانلاندۇرۇلدى. 2013 - يىلى، بېيتىڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىسى باغچىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىسى باغچىسى بولۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 مو كېلىدۇ، بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى يادىكارلىق ئورنى مۇزېيى ۋە يىپەك يولى بېيتىڭ قەدىمكى شەھىرى يادىكارلىق ئورنى مۇزېيى ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «ئىككى مۇزېي ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيە، VR كۆرگەزمىسى، كىچىكلىتىلگەن مودېل، رەقەملەشتۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەمتۈرتكىلىك سېھىرلىك تام قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ھەم قېزىۋېلىنغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نامايان قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مۇزېي قۇرۇلۇشىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، رەقەملىك تېخنىكا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى» دېدى بېيتىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ لى.
لوپنۇر يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى ئاۋاز، يورۇقلۇق، ئېلېكتىر قاتارلىق زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ تۈرلۈك مەنزىرىلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى تولۇق ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ چۆكۈش شەكلىدىكى رەقەملىك كۆچمە مۇزېي ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر VR كۆزەينىكىنى تاقاپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىنى بىپايان قۇملۇقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلار قىزىلقاغا تۇرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلالايدۇ؛ ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كۈسەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيى ھولوگرافىيەلىك تىياتىرخانا، كۆزەينەك تاقىمىغان ھالەتتىكى 3D تېخنىكىسى، چۆكمە سەيلە تىياتىرخانىسى، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئاۋازلىق رەقەملىك ئاۋاز مەيدانى قاتارلىق رەقەملىك كۆپ ۋاسىتىلىك شەكىللەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە يېڭىچە ئېكسكۇرسىيە تەسىراتى بېغىشلىدى ... ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار كۆرگەزمە مەزمۇنى ۋە كۆرگەزمە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدى.
بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قومۇل شەھەرلىك مۇزېينىڭ يەككە كۈندىكى ساياھەتچى سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7627 ئادەم قېتىمغا يەتتى، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 37 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. «بىز مۇزېينى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى رەقەملىك ھېس قىلىش زالى بەرپا قىلىپ، كۆرگەزمە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ۋە كۆرگەزمە قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق» دېدى قومۇل شەھەرلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى يەن فېڭ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ مۇزېينىڭ دەرىجىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 1 - دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلدى.
مەدەنىيەت - ساياھەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى ئاساس تولۇق نامايان قىلىندى
«بۇ يەردىكى ھەربىر كوچا، ھەربىر تۇرالغۇ، ھەربىر يولنىڭ ھەممىسى مەنزىرە بولۇپ، مەدەنىيەت زىيارىتى يولىدا تاش ئۆڭكۈر تەقلىد قىلىنىپ سىزىلغان تام رەسىملەر بار ئىكەن، كۈسەننىڭ كىچىك كوچىلىرىدا تام رەسىملەر، ئېسىلغان چىراغلار بار ئىكەن، يەنە نادىر كۈسەن ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن» دېدى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كۇچا كونا شەھەردە ساياھەت قىلىۋاتقان جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ۋاڭ يىشىن.
قوغداش پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، پايدىلىنىش قوغداش نەتىجىلىرىنىڭ ئايلاندۇرۇلۇشى. كۇچا شەھىرىگە 2012 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى» دەپ نام بېرىلگەن، 2023 - يىلى 2 - تۈركۈمدىكى «دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» بەرپا قىلىش تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىنىپ، شىنجاڭ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتىكى تۇنجى ناھىيە، شەھەر بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت مەنزىلگاھىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق خارابىسى مۇزېيى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر سېپىلى خارابىسىنى قوغداش، رېمونت قىلىش، كۈسەن مەدەنىيىتى رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى.
«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل بىز كۈسەن كوچىسى، دوپپا كوچىسى، قوۋۇق بازىرى، مەدەنىيەت زىيارىتى يولى قاتارلىق داكا قىلىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، <قەدىمكى تۇرالغۇلارنى قۇتقۇزۇش> ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مىڭ يىللىق كۇچا كونا شەھەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تارىخ تومۇرىنى تۇتۇپ، كونا شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدۇق» دېدى كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گاۋ شيەنجى.
مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش كىشىلەرنى تېخىمۇ مول بولغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كۆرۈنۈشى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ رەڭدار مەنىۋى تۇرمۇش تەسىراتىغا ئېرىشتۈردى. شىنجاڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلاندى، جانلىق پايدىلاندى، قىزىل ساياھەت، مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى، تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، يېڭى نۇر چاچقۇزدى.
شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى + ئىپادىلەش + مەدەنىيەت ئىجادىيىتى»دە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە مۇزېي بايلىقلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش تۈرى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ 2023 - يىللىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇش مىسال تىزىملىكىگە تاللاندى. بۇ تۈرنىڭ يادروسى چۆكۈش شەكلىدىكى ئىجادىيەتنى ھېس قىلىش سەھنە تىياتىرى بولغان «مىڭ يىللىق سۆز» بولۇپ، بۇ ئەسەر مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى كۈسەن تاش غار تام رەسىملىرى، كىچىك مىرەن مەلىكىسى قاتارلىقلار ئەسلىي تىپ قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان، ئۇنىڭدا مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئاقىل ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
2023 - يىلى 4 - ئايدا پۈتۈپ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بەدەل تۇرى سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى (سارىيى) جەمئىي 160 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇ شياۋيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ باغچە (ساراي) مەدەنىيەت باغچىسى ۋە مەدەنىيەت سارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ساياھەتچىلەر قويۇق تۈس ئالغان جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت ساقلانمىلىرىنى كۆرەلەيدۇ، «بىز خارابىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى داۋاملىق قېزىپ، تارىخىي خارابىلەرنى قوغداش بىلەن ئىقتىدارىنى ئېچىشنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يەرنى ساياھەت قىلىش، كۆرۈش، تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتتە تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان داكا نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىمىز».