تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كىتاب ھىدىغا تولۇش سەنشى-شىنجاڭ قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەت بازىسى بەرپا قىلدى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋۇجياچۈ شەھىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىغا كىرسىڭىز، پاكىز، ئازادە زال، رەتلىك تىزىلغان تۈرلۈك كىتابلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ، ھەربىر يەردىن تارقىلىپ تۇرىدىغان كىتاب ھىدىنى ھىس قىلىسىز... بۇ يەر شۇ جايدىكى ئامما مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى. بۇ كۇتۇپخانا سەنشى ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2018-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئۆزگىچە جەلپكارلىقى بىلەن سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى. ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسى شۇ جاينىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە سەنشى-شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ)

 شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلماقتا. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۇتۇپخانا ھۆججەت بايلىقى بىلەن لېكسىيە، كۆرگەزمە، مەدەنىيەت سالونى، ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلار قول سېلىپ ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، كۇتۇپخانىنىڭ جەمئىيەت تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىدا گېزىت-ژۇرنال ئوقۇماقتا. بۇ يىل 1-ئايدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باھالاپ دەرىجىسىنى بېكىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسى «دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك كۇتۇپخانا» بولۇپ باھالاندى.

ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر تەرەپلىمە كۆرسىتىش سۇپىسى.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئوقۇش رايونىدا ئۆگىنىش قىلماقتا.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش رايونىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.