10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ياساش بۆلۈمىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بولۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق 40 كىشى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى(تۆۋەندە «گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى» دېيىلىدۇ)گە كېلىپ ئاپتوموبىل ياساش جەريانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، گۇاڭجوۋ چۇەنچىنىڭ ماركا مەدەنىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چۈشەندى، شىنجاڭ ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇش ئۇرغان تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، جەمئىي 1 مىليارد 87 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، خىزمەت بىناسى، ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخى، ماي قاچىلاش پونكىتى، ئاپتوموبىل سىناش يولى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بولۇپ، بىر يىلدا 20 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى ئاپتوموبىلى پۈتۈن سىستېمىلىق ئاپتوموبىل تىپىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 4S دۇكىنىدىن 15ى ۋە بىر قانچە 2-دەرىجىلىك تور نۇقتىسى بار ئىكەن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت شىنجاڭغا ماكانلاشقاندىن بۇيان، 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغان، 2018-يىلىدىن 2023-يىلى 7-ئايغىچە، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان-ساتقان، ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ھازىرغىچە 130 مىليون يۈەنگە يېقىن باج تاپشۇرغان.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ياساش بۆلۈمىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش بۆلىمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش بۆلۈمىنى زىيارەت قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە يېڭى پاسوندىكى ئاپتوموبىل تىپىنى ھېس قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ياساش بۆلۈمى ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش بۆلىمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئانار بۇلۇتنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ياساش بۆلۈمىنىڭ سۈپەت كاپالىتى بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى