10-ئاينىڭ 11-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىدىكى پېگمېنتلىق لازا ئېتىزلىقىدا، قىپقىزىل پېگمېنتلىق لازىلارنى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. بۇ يىل، ۋاششەرى بازىرى لازا تېرىقچىلىقىنى نۇقتىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ 800 مو يەردە پىگمىنتلىق لازا تېرىشنى سىناق قىلدى، لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامغا يەتتى. بۇ قېتىمقى سىناق قىلىپ تېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ھەقىقىي ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ بو، جاڭ يۈەن، مەمەتسىدىق بەكرى)
لازا تېرىغۇچى ھوسۇل ئالغان پېگمېنتلىق لازىلارنى كۆرسەتمەكتە.
بۇ بازار تېرىغان پېگمېنتلىق لازىلار 10-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يىغىۋېلىندى، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ ئاخىرى تولۇق يىغىۋېلىنىپ بولىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى