[تەھرىر ئىلاۋىسى] مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جانلىق تارىخ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىپلا قالماستىن، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىشەنچنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە، تىيانشان تورى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھالقىش خاتىرىسى» مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېچىپ، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىسىدىكى مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن يېڭى پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە دەۋر قىياپىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
شىنجاڭ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
كىشىلەر دائىم شىنجاڭغا كەلگەندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆككەندە، سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ!
بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ، ھەر ۋاقىت، ھەممە جايدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەغرۇرانە روھى مەڭگۈ سۇلماس تۇرا، قورغانلارغا، سانسىز بوران ـ چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ يەنە شۇنداق مەزمۇتلارچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەدىمىي شەھەرلەرگە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىگە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىدىيە، سۆز - ھەرىكىتىگە سىڭىپ كەتكەن.
بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان خەلق قېرىنداشلار جەم بولۇش شادلىقىدىن بەھىرلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئامان ـ ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخىي خاتىرىسى ۋە قىممەت قارىشى مۇجەسسەملەنگەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىشىدۇ.
بۈگۈندە تۇرۇپ، تارىخقا قايتىپ، تارىخنى ئەسلەپ، بۈگۈنگە نەزەر سالغىنىمىزدا،
«نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ» دېگەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، بۇنىڭ جاۋابىنىڭ دەل:
شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدا ئۆچمەس جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنى يارىتىش!
ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.