تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆلنى ئايلىندىغان بۇ يول باغراش كۆلى ساياھىتىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

   ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئىستىراھەت ساياھىتى قىزىپ كەتتى، تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

   چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولمايلا، باغراش ناھىيەسىنىڭ لۇخۇاگاڭ بېلىقچىلار ئارامگاھىدا 30دىن ئارتۇق ساياھەتچى ئولتۇرۇپ بولدى. سامساق تەملىك بېلىق گۆشى، ئاچچىق - چۈچۈك قارا بېلىق، چانالغان بېلىق بېشى... قاراشقىلا كىشىنى جەلپ قىلدىغان، مەززىلىك باغراش كۆلى ياۋا بېلىق زىياپىتى كىشىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايتى. لۇخۇاگاڭ بېلىقچىلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى خۇ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈزدە باغراش كۆلىگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە روناق تاپتى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە كۈنىگە 300دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.

ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

يۈەن خەيجۈن فوتوسى

ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

يۈەن خەيجۈن فوتوسى

   «كۆلنى ئايلىنىش تاشيولى تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىگە تۇتىشىدىغان يولنى ياساپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، باغراش كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك قىزغىنلىقى تېز ئاشتى، 10-ئاينىڭ 3-كۈنىلا باغراش ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى» دېدى باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۈن زوڭجۈن.

باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان تاشيول.

نيەن لېي فوتوسى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ساياھەتچىلىك ھالىتىنى ئېچىپ، ساياھەتنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى داۋاملىق ياڭرىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى ماركىسىنى ياخشى ياراتتى. 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، بۇ يىل بۇ ناھىيە جەمئىي 5 مىليون 6100 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ياراتقان ساياھەت كىرىمى 3 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %26.92 ۋە %79.83 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.