تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قالتىس ئىكەن! چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەسىنى ئالقىشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

«قالتىس ئىكەن!» 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزىدە، ئورۇنلاشتۇرۇش سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر مەيدان - پونكىتلىرىنى كۆرگەندە، ئومان مەسقات تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە مەسئۇل مۇھەررىرى خالىد مۇسا باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئارقا - ئارقىدىن ئالقىشلىدى.

شۇ كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن خالىد مۇسا قاتارلىق 30دىن ئارتۇق چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىلى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. نەق مەيداندا، شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزى بىر تۈركۈم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى سىن كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئۈرۈمچىگە جايلاشقان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تاۋارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن شامال ئېلېكتىر مەيدانى − داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر مەيدانى، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز شامال ئېلېكتىر مەيدانى − ئۇلۇغچات شامال ئېلېكتىر مەيدانى، سايرام كۆلى بويىغا جايلاشقان سەنتەي شامال ئېلېكتىر مەيدانى، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق − قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئېكولوگىيەنى تۈزەش يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خالىد مۇسا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى لايىھەسىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزى ئورۇنلاشتۇرغان سىن كۆرۈنۈشىدىن، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ قاتار - قاتار تىزىلىپ، تاغ باغرىغىچە تۇتاشقانلىقىنى، قۇم دېڭىزىنى قاپلىغان كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىنىڭ كۆزنى چاقنىتىپ، سىجىل تۈردە يېشىل توك تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كىرودىيە «سەھەر گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مارىيانا سېۋېر توتې تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن بولۇپ، سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن ماختاپ كەتتى.

«جۇڭگونىڭ يەر شارىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت!» مارىيانا سېۋېر توتې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، يەر شارىۋى يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نەق مەيداندا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى يەنە چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرىنى VR ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ شامال ئېلېكتىر تۈرى نەق مەيدانىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىغا ياردەم بەردى.

نۆۋەتتە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ 2000دىن ئارتۇق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، 3000دىن ئارتۇق يورۇقلۇق ۋولت تارماق سېپى، 50تىن ئارتۇق سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزى بارلىق مەيدان - پونكىتلارنى يىراقتىن نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش تېخنىكىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، چەت ئەل تاراتقۇ ۋەكىللىرى بەس - بەستە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنى ئىزدەپ ۋىيشىنىنى قوشۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە بېرىپ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 60 مىليون كىلوۋاتتىن، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 42 مىليون 130 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭدا ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيە يۈرۈشتۈرۈش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 10 مىليون 40 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.