تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ ئەسىر قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش

− يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

سەھەر، تاڭ قۇياشى سەنشيا كۇيمېندىن ھالقىپ، غەربىي قىسىمدىكى ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالارنى يورۇتتى. پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان غەربىي قىسىمدىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ توختاۋسىز ئۆركەشلەپ تۇرغان دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتماقتا.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2019 - يىلى 5 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ ئەسىر قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە... بىر «كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش» يېڭى ئەندىزىسى غەربىي قىسىمدا شەكىللەنمەكتە.

يېڭىلىق يارىتىۋاتقان غەربىي قىسىم: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ سىجىل ئاتلىنىش

بىپايان غەربىي قىسىم پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ %72ىنى ئىگىلەيدۇ، 382 مىليون نوپۇس بار. ئىلگىرى قاقاسلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان غەربىي قىسىم ھازىر يېڭىلىق يارىتىۋاتقان مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالدى.

مۇخبىر سىچۇەن دېياڭغا كېلىپ، توختىماي ئايلىنىۋاتقان ئېغىر تىپتىكى يېقىلغۇ گېنېراتورى سىناق سۇپىسىنى كۆردى. بۇ جايدا بارلىققا كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان F دەرىجىلىك 50 مېگاۋاتلىق ئېغىر تىپتىكى يېقىلغۇ گېنېراتورى (G50) كۆپ خىل چەكنى بۆسۈپ ئۆتكەچكە، «شان - شەرەپ كەلتۈرۈش ماشىنىسى» دەپ ئاتالدى. دۇڭفاڭ ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى چېڭ گوچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ھەم يېڭى پەن تەتقىقات تېمىلىرىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەجرىبە ئىشلىنىدۇ.

بۇ، غەربىي قىسىمنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش»، بەيخېتەن مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، «جۇڭگو خۇەنليۇ 3 - نومۇر» تىزگىنلىگىلى بولىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەتقىقات قۇرۇلمىسى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان بەش يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرولۇق ئامىل قىلغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش غەربىي قىسىم رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى روشەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

سىچۇەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى، يېقىنقى مەزگىلدە يەنە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلدى؛ چۇڭچىڭ تورغا ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاقىل ئاپتوموبىل، يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، ئىلغار ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى؛ شەنشى چىنچۇاڭيۈەن يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش ئىتتىپاقى قۇردى... غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئېگىزلىكنى تالىشىپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى بەس - بەستە ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى سەيلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتتا 3000دىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەڭ تېز بولغاندا 30 سېكۇنتتا بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. سىچۇەندە، جۇڭخاڭ «يىلۇڭ»، تېڭدۇن «شۇاڭۋېيشيې» قاتارلىق سانائەت تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلىرى يەرشارى بويىچە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ رىقابىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈش ئەۋزەللىكىنى ياراتتى.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: غەربىي قىسىمدا ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، بىيوتېببىي دورا، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئاۋىياتسىيە كەسپى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى يېتىشتۈرۈلدى ۋە شەكىللەندى.

بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىم، شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى. 2023 - يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %21.5ىنى ئىگىلىدى.

ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى يېڭىلىقلار شەھەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىم رايونىدىكى شەھەرلەر توپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ شەھەر توپى، ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكى شەھەر توپى، لەنجوۋ - شىنىڭ شەھەر توپى، بېيبۇۋەن شەھەر توپى، ئوتتۇرا گۇيجوۋ شەھەر توپى قاتارلىقلار دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

چېڭدۇ - چۇڭچىڭ شەھەر توپىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 تىرىليون 36 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، چوڭ قولتۇق رايونىغا يېتىشىش سۈرئىتى تېزلەشتى.

غەربىي قىسىمنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى فۇنكسىيەسى نامايان بولۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئايلىنىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

يېشىل غەربىي قىسىم: ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش

سۇس ھاۋارەڭ لەنخۇايىڭ گۈلى، چىرايلىق كېسان گۈلى، ياپيېشىل ئورمانلىق، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار، تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى... غەربىي قىسىم چەكسىز كەتكەن ئارزۇدىكىدەك جاي، رەڭدارلىققا تولغان نەزەر دائىرە دەپ تەرىپلىنىدۇ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى ھېسابلىنىدۇ.

سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان چۇڭچىڭ فېڭجيې قەدىمدە كۇيجوۋ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىنلا سۇ بىلەن ئورالغان جاي ئىدى، بىراق يىرىك تەرەققىيات سەۋەبىدىن بۇ جاينى بىر مەھەل چاڭ - توزان قاپلاپ كەتتى.

فېڭجيې ناھىيەسىنىڭ چىڭلۇڭ بازىرى داۋو مەھەللىسى ئىلگىرى كان قېزىش سەۋەبىدىن غايەت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. ئاھالە لو يىفۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: تۇپراق گۈڭگۈرت بىلەن بۇلغانغانلىقتىن، بەزى جايلاردا بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيتتى. 2015 - يىلى يەرلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنى تاقاپ، قاقاس تاغدا 6500 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكتى، ھازىر ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 ئەسلىگە كەلدى.

چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىنىڭ سۇ سۈپىتى پۈتۈن لىنىيە بويىچە 2 - تۈردىكى سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتتى. ديەنچى كۆلى، ئېرخەي كۆلى، ئۇلانسۇخا كۆلى قاتارلىق نۇقتىلىق كۆل ۋادىلىرىدا سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. غەربىي قىسىمدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، فېنخې - ۋېيخې دەرياسى تۈزلەڭلىكى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ھەم ئەتراپتىكى رايونلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئاتموسفېرانى تۈزەش سالمىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

يېشىل غەربىي قىسىم «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق» ئېكولوگىيە - مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بولدى.

چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسىنى بويلاپ، ئېقىنغا قارشى مېڭىپ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىگە چىققاندا، چىڭخەينىڭ ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىقانلىقىنى، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نىڭ جانلىقلار ۋە مەۋجۇداتلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شىزاڭ ئالى ۋىلايىتىدە 53 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىنىپ، بىپايان چۆل - باياۋاننىڭ ھاياتلىق مۇھىتى ياخشىلاندى. خېشى كارىدورىدا تېڭگىر، بادەنجىلىن، قۇمتاغدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇملۇقنىڭ قوشۇلۇپ جەنۇبقا ئىچكىرىلەپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، گەنسۇنىڭ %80كە يېقىن ۋەتىنىمىز زېمىنى كۆلىمى دۆلەتنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەم تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش باشلاندى.

چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇب چېتىدە ئاپتوموبىللار سىچۇەن ماۋشيەن ناھىيەسىدىكى تۇدىلىڭدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا چوڭ مۈشۈكئېيىق دۆلەت باغچىسىدىكى «تۇدىلىڭ كارىدورى» بار.

چوڭ مۈشۈكئېيىقنى قوغداش مۇتەخەسسىسى مۇنداق تونۇشتۇردى: چوڭ مۈشۈكئېيىق نۇرغۇن كىچىك نەسىل توپىغا بۆلۈنۈپ، گېنى چېكىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. سىچۇەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق «تۇدىلىڭ كارىدورى»نى قۇرۇپ، چوڭ مۈشۈكئېيىققا نەسىل توپى ھالقىپ «جورا ئىزدەش لىنىيەسى» يولىنى ئېچىپ بەردى. بۇ جايدىن ئۆتىدىغان سىچۇەن - چىڭخەي تۆمۈريولى مەخسۇس ئايلىنىپ ئۆتىدىغان قىلىپ ياسىلىپ، قۇرۇلۇش مىقدارى %20 ئاشتى، تونېل قېزىش چوڭقۇرلۇقىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000 مېتىردىن ئاشتى. كىشىلەرنىڭ قوغدىشىدا، نۆۋەتتە كارىدور رايونىدا كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق نۇرغۇن ياۋايى چوڭ مۈشۈكئېيىقلارنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىق ئىزنالىرى بايقالدى.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئېكولوگىيە توسۇقى رايونى، خۇاڭخې دەرياسى نۇقتىلىق ئېكولوگىيە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى «قوش تۆۋەنلىدى»؛ ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىنلىڭ، چوڭ مۈشۈكئېيىق قاتارلىق دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.

يېشىل غەربىي قىسىم جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

ئېچىۋېتىلگەن غەربىي قىسىم: تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش

سوغۇق شەبنەم مەزگىلى ئۆتۈشى بىلەنلا ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، غەربىي قىسىمدىكى خەلقئارا كەيپىيات كۈنسېرى قىزىدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭدا، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 تاراتقۇ، ھۆكۈمەت تارمىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى؛ گۇاڭشىدا، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە 109 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۈر كۆپىيىپ 93كە يەتتى؛ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەرشارىۋى مۈشۈكئېيىق ھەمراھىلىق يىغىنى چېڭدۇدا ئېچىلىدۇ.

بۇ، غەربىي قىسىمنىڭ كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. تېخىمۇ قولايلىق قاتناش، تېخىمۇ مۇكەممەل قائىدە، بارغانسېرى ئىناق بولۇۋاتقان مۇھىت غەربىي قىسىمنى غەربكە، جەنۇبقا ئېچىۋېتىشتىكى ئېگىزلىككە ئايلاندۇردى.

«جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىزنىڭ كۇنمىڭدىن ۋىيېنتىيانغا بارىدىغان ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىمىز %30 تېجىلىپ قالدى» دېدى شاڭخەي رېنچېڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇنمىڭدىكى مەسئۇلى ياڭ جيې.

جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ئون نەچچە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىشى بىلەن تېزلىكتە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ئالتۇن لىنىيە»گە ئايلاندى، بۇ يىل 9 - ئايغىچە، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرى 10 مىليون توننىدىن، مال قىممىتى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتى لائوس، تايلاند، ۋىيېتنام قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان 12 دۆلەتنى قاپلىدى.

جەنۇبتا، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى، بېيبۇۋەن خەلقئارالىق كۆزنەك پورتى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار تېز ئالغا سىلجىتىلدى، گۇاڭشى پىڭلۇ قانىلىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، «شاڭخەي - يۈننەن. لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې لىنىيەسى» خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتنىدى.

غەربتە، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆمۈريول تۈرلىرىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، لەنجوۋ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولى قاتارلىقلار ئارقىلىق غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبنىڭ تۆمۈريول چوڭ يولى تۇتاشتۇرۇلدى، ئۆتكەن بەش يىلدا غەربىي قىسىمدا جەمئىي 35 مىڭ قېتىم جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى.

«بۇلۇتنىڭ چوققىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ»، يولۇچى - يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سىجىل ئالدىراش بولدى. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا قازاقىستان، گىرۇزىيە، ۋېنگىرىيە، ئەنگلىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ئوندىن ئارتۇق خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. گۇيجوۋدا بۇ يىل 7 - ئايدا ئۆلكە بويىچە تۇنجى قىتئەلەر ئارا يۈك تىرانسىپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. بىر سائەتلىك گاۋتيې مۇساپىسى ئىچىدە، چېڭدۇ شۇاڭليۇ، چېڭدۇ تيەنفۇ، چۇڭچىڭ جياڭبېيدىن ئىبارەت ئۈچ خەلقئارا ئايروپورت يۇقىرى چاستوتىلىق ئايلىنىپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ئايروپورت توپى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. نۆۋەتتە، چېڭدۇدا يولۇچى - يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 375ى بار.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىشتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP) ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى، يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

بىپايان غەربىي قىسىمدا، تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىغان، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

بەختكە چۆمگەن غەربىي قىسىم: ئورتاق بېيىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىم بىپايان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمسىز بولۇپ كەلگەنىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبىسىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولماقتا.

بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. قاتمۇقات تاغلار ئايرىپ تۇرغان گۇيجوۋدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونمىڭلىغان كۆۋرۈك سېلىنىپ، غەربىي جەنۇب قاتنىشىنىڭ «تۆت كوچا ئېغىزى»غا ئايلاندى؛ گەنسۇدىكى 80 ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى، %90تىن ئارتۇق تەبىئىي كەنت - گۇرۇپپىلارغا قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى؛ «مېڭىش تەس بولغان سىچۇەن يوللىرى»دا سىچۇەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى؛ شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، سىچۇەندىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە گاۋتيېنىڭ تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇپ تورلاشتۇرۇلۇشى غەربىي قىسىمنىڭ ۋاقىت - بوشلۇق ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى جيېفاڭگوۋ بازىرى خوپۇ كەنتىنىڭ يىزۇ تىلىدا « ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى» دېگەن مەنىسى بار. 2014 - يىلى بۇ جايدا نامراتلىق نىسبىتى %34.8 بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت ياڭيۇ، سۇلۇنىلا تېرىيالايتتى. ھازىر يول تۇتاشتۇرۇلدى، خوپۇ كەنتى لەنمېي كەسپى ۋە خاس مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى. كەسىپ يولىنى بويلاپ ماڭغاندا، ھاياتىي كۈچكە تولغان لەنمېي دەرىخى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىل ئېرەن، پورەكلەپ ئېچىلغان سوما گۈللىرى تاغ - دالىنى قاپلىغان بولۇپ، مەيىن شامالدا شىلدىرلايتتى.

غەربىي قىسىم ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىدى، 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايوننىڭ 12سى غەربىي قىسىمدا بولۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ ھەممىسى غەربىي قىسىمغا جايلاشقانىدى.

غەربىي قىسىم رايونلاردا 50 مىليون 860 مىڭ نامرات نوپۇس ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 568 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. 2023 - يىلى، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ئۇدا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. 2023 - يىلى، شەرقىي قىسىمدىكى سەككىز ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر غەربىي قىسىمدىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە 23 مىليارد 190 مىليون يۈەن مالىيە ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ھەمكارلاشقۇچى ئىككى تەرەپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرىدىن 3045نى، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 25 مىڭنى ئۆزئارا ئەۋەتتى، زور بىر تۈركۈم يار - يۆلەك بولۇش تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

غەربىي قىسىمنىڭ ئۆزىمۇ ئورتاق بېيىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. سىچۇەن لياڭشەن ئوبلاستىغا يېقىن بولغان پەنجىخۇا شەھىرى ئورتاق بېيىش سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇرۇپ، رايون، شەھەر - يېزا ۋە كىرىمدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ پەرق»نى كىچىكلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىك كىشىلەر توپى قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئىجادچانلىقى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى. گۇيجوۋنىڭ «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى» پۈتۈن مەملىكەتتە ئوتتەك قىزىپ كەتتى، شىنجاڭ تۇرپاندا قۇم بىلەن داۋالاش ئەۋج ئالدى، نىڭشيا شاخۇ ساياھىتى قىزىپ كەتتى، ئىچكى موڭغۇلدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قىسقا فىلىم ئىشلەش يېڭى مودىغا ئايلاندى ...

جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىپايان غەربىي قىسىم پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. غەربىي قىسىمدىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرمۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.