تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ بېيىش ئۈمىدى زورايدى

     مەنبە: چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

    ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسى ئاچمائېرىق كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرى ياڭاقنىڭ خۇش ھىدىغا تولغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇل ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، شادلىققا چۆمگەنىدى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باغئېرىق يېزىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ياڭاقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىپ، «كىچىك ياڭاق»نى ئاممىنىڭ «بېيىش ھەميېنى»غا ئايلاندۇردى. ئاچمائېرىق كەنتى ياڭاقچىلىق كەسپىنى تايانچ قىلىپ، بېيىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

دېھقانلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

گۈلبەھرەم ئەنۋەر فوتوسى 

     ئاچمائېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختى ئىمىن مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز 18 مو يەردە ياڭاق ئۆستۈردى، كەسپىي تېخنىكلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى تەخمىنەن 300 كىلوگىرام بولدى، سۈپىتى ئەلا، ھازىر سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ھەر كىلوگىرامىغا 10 يۈەن باھا قويدى ھەمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىشىدا، ھەر كۈنى سېتىۋالىدىغان ئادەم كېلىدىغان بولدى، ھەپتە ئاخىرىدا مەنمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بېرىپ ساتىمەن، ياڭاق ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى».

    ئاچمائېرىق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى رېن گاڭ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 250 مودىن ئاشىدۇ، دائىملاشقان پەرۋىش قىلىش-ئاسراشنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار ئېچىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ياڭاقچىلىق كەسپىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى قاتتىق <يادرولۇق> كۈچكە ئايلاندۇرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاچمائېرىق كەنتى خاس كەسىپلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.

(ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبەھرەم ئەنۋەر، تۇرسۇننىسا ياسىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.