تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئون مىڭ مو ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئانار شاخلىرى قىزىرىپ پىشقان دانىسى چوڭ تاتلىق ئانارلارنى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، قىپقىزىل ئانارلار خۇددى پانۇسقا ئوخشاش بۇ تۇپراققا ھۆسن قوشۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

قاغىلىق ناھىيەسىكى ئون مىڭ مو يەردىكى ئانار شاخلارغا لىق تولغانىدى.

زۇلپىقار تۇردى فوتوسى


    10-ئاينىڭ 7-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى تۆۋەن ئوراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئابدۇللانىڭ ئانارلىق بېغىغا كىرگىنىمدە، مەي باغلاپ پىشقان، دانىسى چوڭ، توق ئانارلارنىڭ شاخلارغا لىق تولغانلىقىنى كۆردۈم، نۇرمەمەت ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئانارلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
    «ئائىلىمىز كۆپ يىللىق ئانار ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، بۇ بىرنەچچە يىلدا يېزا-كەنت ئىككى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىمۇ نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئۆگەتتى، ئانارنىڭ ھوسۇلى ۋە تەمى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى.» نۇرمەمەت ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ شۇ جايدىكى ئانار سېتىۋېلىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۆت مو يېرىدىكى ئانارلارنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىن «ئانار ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار بولۇپ، دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق ئانارلىرى بازاردا ناھايىتى داڭ چىقارغان ئىكەن. ئانارچىلىق كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئانار ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باغ-ئورمانچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئانار ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش، توشۇش، ساقلاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.

    قاغىلىق ناھىيەسى قىزىل قۇياش باغ-ئورمانچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى نۇرمەمەت تۇرامەت مۇنداق دېدى: «ھازىر، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئانارلىرى پىشىپ سېتىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، بىز بەشئېرىق بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردا كۆپ مىقداردا ئانار سېتىۋالدۇق، يەنە تور ۋە تور سىرتى ئەندىزىسى ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سېتىۋالغان ئانارلارنى دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن سودىگەرلەرگە ئەۋەتىپ بېرىمىز. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 400 توننا ئانار سېتىۋالدى، بۇ يىل 1000 توننا سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدۇق، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ».

    يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى «ئانارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش»نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، زامانىۋى ئانار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تىرەك، ماركىلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، كونا ئانار ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

    ئانارچىلىق كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلار تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالدى. قىپقىزىل ئانار ئۇلارنىڭ بېيىش يولىنى يورۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىد مېۋىسىگە ئايلاندى. 2024-يىلىغىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 11 مىڭ موغا، ئومۇمىي ھوسۇلى 6000 توننىغا يەتتى، مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

    قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سادىر مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن بازار بويىچە 3000 مودىن ئارتۇق يەردە ئانار ئۆستۈرۈلۈپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولى تېپىپ چىقىلدى. كېيىنكى قەدەمدە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بازار ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئانارچىلىق كەسپىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن بازاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پۇختا كەسىپ ئاساسى سالىمىز».

    (ئىختىيارىي مۇخبىرلار زۇلپىقار تۇردى، خالمۇرات مىجىت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.