تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

54.8% كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىندى، مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى

    يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ %54.8ى يىغىۋېلىنىپ، يېغىۋېلىنىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ھوسۇل يىغىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرگەن. 

    مۇخبىرنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يىغىۋېلىش كۆلىمى 100 مىليون مودىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشلىق زىرائىتىدىن 102 مىليون 19 مىڭ مو يىغىۋېلىنغان، ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە يەم-خەشەكتىن 4 مىليون 807 مىڭ مو يىغىۋېلىنغان. كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭدىكى ھەرقايسى جايلار ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ماشىنا-سايمانلارنىڭ كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىش، ھوسۇلنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.