تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يەنە بىر يىللىق پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلى، بىز جەزمەن شىنجاڭ پاختىسى ئۈچۈن ئېلان بېرىمىز

 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى پاختىكارلار ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ پاختا يىغماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا

شىنجاڭ تۇپرىقىدا

پارچە-پارچە «ئاق بۇلۇت»لار كەڭ يېيىلىدۇ، خۇددى قاردەك ئاپئاق 

بۇ ۋاقىتتا

شىنجاڭمۇ پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ

 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

   پاختىچىلىق ساھەسىدە

«دۇنيا پاختىسىغا نەزەر سالغاندا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىسىغا نەزەر سالغاندا شىنجاڭغا قاراش كېرەك»

دېگەن بىر جۈملە سۆز كەڭ تارقالغان

شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى يۇمشاق، سىلىق، پارقىراقلىقى ياخشى بولغاچقا

پاختىچىلىق ساھەسىدە چولپان كەبى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى باغچە رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، مودېللار پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ كېۋەزلىكتە مودېل ماڭماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

 شىنجاڭ پاختىسىنىڭ

 ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى، تېرىلغۇ كۆلىمى، تاۋار يۆتكەش مىقدارى

مەملىكەت بويىچە بىردەك 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

سىز بەلكىم ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن

بۇ تۆت «1-»لىككە

 شىنجاڭ پاختىسى ئۇدا 20 نەچچە يىل ئېرىشكەن

 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ فېڭخۇي پاختىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ چىگىت ئايرىش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار تايلانغان پاختىلارنى چۈشۈرمەكتە.

خې لۇڭ فوتوسى

 كېۋەز  

ئىللىقلىقنى، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، چەكسىز ئۆسۈش ئادىتىگە ئىگە بىر خىل ئىقتىسادىي زىرائەت 

شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا

تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق كىلىمات شارائىتىغا ئىگە

 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، پاختىكارلار تىراكتور ھەيدەپ قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى شوگەي يېزىسىدىكى كېۋەزلىككە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

تيەن گوجيەن فوتوسى

 شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، بۇلۇت مىقدارى ئاز، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك

بۇ

پاختا تالاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق

غوزا سېسىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، بىرلىك ھوسۇلىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن بازىرى شياڭخې كەنتىدىكى دېھقانلار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېۋەز تېرىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 شىنجاڭ پاختىسى

ھەر يىلى

تەخمىنەن 2500 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولغان «ئاپتاپقا قاقلىنىش»تىن بەھرىمەن بولالايدۇ

 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرى سەنچاكوۋ كەنتى لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 6700 مو كېۋەزلىكىدە ئارقا-ئارقىدىن كېۋەز تېرىلىشقا باشلىدى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تۆت تىراكتور ئېتىزدا دەل جايىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

 بۇنىڭدىن باشقا

كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى

كېۋەزنىڭ قۇرۇق ماددا جۇغلانمىسى ۋە ئىقتىسادىي ھوسۇل مىقدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق

 يەنە مول، كۆپ خىل يورۇقلۇق بايلىقىمۇ

 ھەر خىل كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق

 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى داتۇگۇلى كەنتىدە، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كېۋەزلىككە كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چاچماقتا.

 تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

 تىيانشان ۋە كوئېنلۇن تېغىدىكى قار-مۇزنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان سۇنى

«سۇلار ئىچىدىكى ئېسىلزادە» دېيىشكە بولىدۇ

بۇ

شىنجاڭ پاختىسىنى يېتەرلىك

مۇقىم ھەم ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى

 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان چوڭ ئات كۈچىلىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 12-تۇەن 22-ليەننىڭ كېۋەزلىكىگە يېڭى كېۋەز تېرىماقتا.

سۈن گوچۈەن فوتوسى

دۆلىتىمىز

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىستېمال دۆلىتى

2-چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتىدە پاختا يىغماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان

پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىن تەدرىجىي شىنجاڭغا يۆتكەلدى

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا پاختا تەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە پاختا تەرمەكتە. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

 شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ «گۈل» بولۇش سۈپىتى بىلەن

كېۋەز تېرىقچىلىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان

 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 2023-يىلى شىنجاڭدا ئەمەلىي تېرىلغان كېۋەز كۆلىمى

36 مىليون 163 مىڭ موغا

پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 112 مىڭ توننىغا يېتىپ،

پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى

 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى شياۋچۈەن كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىكتە يېڭى پاختا يىغماقتا.

ما گۇاڭيۈەن فوتوسى

 2024-يىلى شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى

تەخمىنەن 35 مىليون 560 مىڭ مو بولۇپ

پاختا ھوسۇلى مىقدارىنىڭ 5 مىليون 260 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇارۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خۇاخۇڭ پاختىچىلىق كەسپىي نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدا ساپ پاختىنى ئامبارغا كىرگۈزدى.

خې لۇڭ فوتوسى

 ھازىرغا قەدەر

ئاپتونوم رايون بويىچە پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش نىسبىتى %85تىن ئېشىپ

ئادەم كۈچى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىندى

 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 دۆلىتىمىز ئىلگىرى

ئۇزۇن تالالىق پاختا تېرىمىغان

ئالاھىدە توقۇمىچىلىق سانائىتىگە كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ كەلگەنىدى

 1953-يىلى، ماناس دەرياسى ۋادىسىدىكى 20 مىڭ مو كېۋەزلىكنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 200 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ياراتقان.   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

 1954-يىلى

 يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭ سورت كىرگۈزۈش سىنىقىنى قانات يايدۇرغان

ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

 1965-يىلى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دېھقانلار پاختا يىغماقتا. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى    شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى نەشر ھوقۇقىغا ئىگە

 1955-يىلىدىن كېيىن

كىرگۈزۈلگەن چەت ئەل ئۇزۇن تالالىق پاختا سورتىنى داۋاملىق باھالاپ تەجرىبە قىلىش پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ

يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلدى

 نۆۋەتتە

شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر كۆپ مىقداردا ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونغا ئايلاندى

2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، تەتقىقاتچىلار سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ شىنجاڭ مەركىزىدە گېن تۈزۈش ئارقىلىق كېۋەز سورتى تۈپىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.

خې لۇڭ فوتوسى

 بۇنىڭدىن باشقا

شىنجاڭ يەنە يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ

تەبىئىي رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىپ

ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى

 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدىكى بىر كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.

ليۇ يۈجۇ فوتوسى

 شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ باقايلى

 تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 16 سائەتتىن ئاشىدۇ

بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق بايلىقى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى تېمپېراتۇراغا، شورغا، سوغۇققا چىداملىق، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدۇ

كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن

شىنجاڭنىڭ ماشىنىلاشتۇرۇپ پاختا يىغىش نىسبىتى يۇقىرى

كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك

ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئاشقان

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر بازىرى بەخت مەھەللىسىدىكى ئاھالە كېۋەزلىكتە پاختا تېرىشنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.