تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

139 ئورۇن! ئاپتونوم رايون توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىككى تۈركۈمدىكى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى، 2-تۈركۈمدىكى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتە جەمئىي 139 ئورۇن بار.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 14 سېتىش سودىگىرى توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 14 سېتىش سودىگىرى توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى. تور كەسمە سۈرىتى

ئاپتونوم رايون توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شەخسىي نامدىكى كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ بەرگەن ھەم يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 500 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن؛ قايتۇرۇپ بەرگەن كونا لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 600 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

ئىستېمالچىلار كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ يۈرۈش كىنىشكىسىگە ئاساسەن سالاھىيەتكە ئىگە بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ بەرسە، پائالىيەتكە قاتناشقان سېتىش كارخانىلىرىغا بېرىپ يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالسا بولىدىكەن. ئىستېمالچىلار توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغاندا باھانى چۈشۈرۈش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ بازار باھاسى كۆپىنچە ئەھۋالدا 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ، ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 500 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە پۇلنى ئاز تاپشۇرسىلا يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىتقا ئىگە بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.