تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | كاۋا يېسە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟

مەنبە: ساغلام جۇڭگو

   تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس: دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن ۋېي

   ئىشلىگۈچى ئورۇن: ساغلاملىق گېزىتى . پىتنە - ئىغۋالارنى ئاخىرلاشتۇرۇش پونكىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى

 بىر بىلىم نۇقتىسىنى كۆپ ئىگىلەڭ 

____ كۆكتاتلارنى توغرا تاللاش، توغرا ئىستېمال قىلىش شېكەرنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق

   قان شېكىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى كۆكتاتلارنى توغرا تاللىشى، توغرا ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

   بىرىنچى، تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى تالالىق كۆكتاتلار، مەسىلەن، پالەك، قىچا، چىڭسەي، كوڭشىنسەي، شىلەنخۇا، توڭخاۋ، گەنلەن قاتارلىقلار. بۇ كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئېنېرگىيە تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈش جەريانىنى ئۈنۈملۈك ئاستىلىتىپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خاڭگا، كۇگۇا قاتارلىق كۆكتاتلارمۇ دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

   ئىككىنچى، ماي، تۇزنى ئاز سېلىپ تاماق ئېتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇش، ماي ۋە خۇرۇچنى ئاز سېلىپ قورۇپ پىشۇرۇش، سوغۇق سەي قىلىش قاتارلىق تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتات پىشۇرغاندا شېكەر ۋە جياڭيۇ قاتارلىق شېكەرلىك تېتىتقۇلارنى ئاز سېلىپ، شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.