ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى «تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مەدەنىيەت تەقدىرى دۆلەت تەقدىرى بىلەن باغلانغان، مەدەنىيەت تومۇرى دۆلەت تومۇرى بىلەن تۇتاشقان.
پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېچىلغان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئابىدە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى قانداق گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئون يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقىدا تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆتۈرەڭگۈ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دەۋر قىياپىتى نامايان قىلىندى.
ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەش: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى»؛ دەۋرنى كۈيلەش: «دەۋرىمىزدىكى تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى خەرىتىسىنى سىزىش»؛ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق: «ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش»؛ قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش: «بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئېھتىياجلىق».
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت بىزنىڭ بۇ دەۋرگە خاس يېڭى مەدەنىيەت يارىتىش مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئۇلۇغ مىللەتنى تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا!